باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(10)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىنى چىڭدايمىز. دۆلەت بىر تۈركۈم زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېلىپ بارىدۇ، بۇ يىل مەركەز خامچوتى ئىچىدە سۇچىلىق ئۈچۈن 70 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سۇ باشلاش، سۇ يۆتكەش، تايانچ سۇ مەنبەسى، دەريا ــ كۆللەرنى تىزگىنلەش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېجەشلىك سۇغىرىش قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەدەت بېرىلىدۇ. جايلار ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى سۇچىلىق تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سۇ ئىشلىتىشتىكى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشى لازىم. قۇرغاقچىلىقتىمۇ، ھۆلچىلىكتىمۇ ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان بىر تۈركۈم يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزلارنى تېز بەرپا قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم ئەلا سورتلارنى يېتىلدۈرۈپ، بىر تۈركۈم يېڭىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسايمىز ۋە ئومۇملاشتۇرىمىز. يېزىلارنىڭ سۇ، ئېلېكتىر، يول، تەبىئىي گاز، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى 2 مىليون 600 مىڭ ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى ئۆزگەرتىمىز، 200 مىڭ كىلومېتىرلىق يېزا يولىنى ئۆزگەرتىپ ياسايمىز. يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلار، ئاياللار، ياشانغانلار ۋە «قۇرۇقدىلىپ قالغان كەنت» مەسىلىسىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىمىز. بۇ يىل يەنە 60 مىليون يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز. بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى تىرىشىش ئارقىلىق، بارلىق يېزا ئاھالىسىنى پاكىز سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر