باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭەشتى(1)

2014.03.14 08:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «ئىسلاھات مارشى ياڭرىتىلدى- باش سېكرېتار شى جىنپىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭىشىش خاتىرىسى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ، گۇيجۇ، ئەنخۇي، ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىرىشغا ئايرىم-ئايرىم قاتناشتى، ئاز سانلىق مىللەت ساھەسىدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ھەمدە بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، پىكىر تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، ۋەكىللەر، ئەزالار بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنى بىرلىكتە كېڭەشتى.

  ئىسلاھات ئېچىۋېتىش- نۆۋەتتىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلىرىنىڭ بىرى. ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، باش سېكرېتار شى جىنپىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا بولسۇن ياكى سىياسىي كېڭەش ساھەسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا بولسۇن، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەكىتلىدى.

  گۇاڭدۇڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدا، ئوخشاشلا مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر