باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(22)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋەكىللەر! دۆلىتىمىز — بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. ھەرقايسى مىللەتلەر — جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ باراۋەر ئەزاسى. پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ــ تەرەققىياتىنى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مەركەزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىدىغان سىياسەت ــ تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ــ خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغدايمىز ۋە راۋاجلاندۇرىمىز. ھەر مىللەت پەرزەنتلىرى ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناقلىق ئاساسىدا روناق تېپىپ قەلبداش بولسا، چوقۇم تېخىمۇ بەختلىك، ئامان ــ ئىسەن بولىدۇ، گۈللىنىپ راۋاج تاپىدۇ. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىنىي ساھەدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئىقتىسادىي ــ ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. چەت ئەللەردىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى، جۇڭگولۇقلار ۋە ۋەتەنگە قايتقان مۇھاجىرلار، مۇھاجىر ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، مۇھاجىر قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش، ۋەتەننىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز. ۋەكىللەر! ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسمى يېڭى قىياپىتى ۋە جەڭگىۋارلىق سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. يېڭى بىر يىلدا، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى يېقىندىن دەۋر قىلىپ، قىسىمنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش شارائىتىدىكى تەھدىت كۈچى ۋە ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز. ھەرقايسى يۆنىلىشتىكى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ئىدىيەۋى ــ سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، زامانىۋى خوجىلىق بەرپا قىلىش قەدىمىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق قورال ــ جابدۇقلار تەرەققىياتىنى كۈچەيتىمىز. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتىمىز. دۆلەت مۇداپىئە ئىسلاھاتى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى ھەربىي كۈچ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشى، دائىمىي ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى، ھاۋا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش ــ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز. زامانىۋى قوراللىق ساقچى قىسىم كۈچى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىمىز. خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ــ مۇقىملىقنى ساقلاش، تىنچلىقنى قوغداش، سۇ تىرانسپورتىنى قوغداش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىش ۋە ياردەم بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە مەدەت بېرىپ، بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن دوستلۇقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاقلىقىنى ئۇيۇلتاشتەك چىڭىتىش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر