باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(18)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىجتىمائىي كاپالەت — خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى. مۇھىم نۇقتا — ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر ــ يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، كىشىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى كۈرەشتە غەم ــ ئەندىشىدىن خالاس قىلىش. شەھەر ــ يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇنى ئىشچى ــ خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز، ئورگانلار، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، كارخانا يىللىق فوندى، كەسىپ يىللىق فوندى ۋە سودا سۇغۇرتىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىمىز. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش ۋە كاپالەت ئۆلچىمى باھا سەۋىيەسىگە باغلىنىدىغان ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. ياشانغانلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق ــ مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، قورامىغا توشمىغانلار مۇھاپىزىتى ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىلەر كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، مېيىپلار ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى ۋە مېيىپلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەير ــ ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز. قىيىنچىلىقتا قالغان ھەربىر ئادەمنى جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقىغا، مېھرىبانلىقىغا ئېرىشتۈرىمىز. تۇرالغۇ كاپالەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. پۈتۈن خەلقنىڭ ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇشنى نىشان قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. بۇ يىل يېڭىدىن 7 مىليون يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆينىڭ قۇرۇلۇشى باشلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەر خىل كەپە ئۆي رايونلىرىدا 4 مىليون 700 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي سېلىنىپ، يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ. چوڭ شەھەرلەرنىڭ كاپالەتلىك ئۆي نىسبىتىنى ئۆستۈرىمىز. ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى بىلەن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. سىياسەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇغا مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ۋە ۋاسىتىسىنى يېڭىلاپ، بازارلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىغا، تەننەرخىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا مەبلەغ جەھەتتە مەدەت بېرىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىل تەقسىم قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىجازەتلىك كىرىشچېكىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇشۇ يىل ئىچىدە 4 مىليون 800 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك تۇرالغۇنى ئاساسەن پۈتتۈرۈپ، ئۆيگە تەلمۈرۈپ تۇرغان تۇرالغۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى يېڭى ئۆيگە بالدۇرراق كۆچۈرۈشى لازىم. ئوخشاش بولمىغان شەھەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەڭشەپ ۋە تىزگىنلەپ، ئوتتۇرا، كىچىك تاۋار ئۆي ۋە مۈلۈك ھوقۇقى ئورتاق تۇرالغۇ تەمىناتىنى كۆپەيتىپ، ھايانكەشلىك، سېلىنما خاراكتېرلىك ئېھتىياجنى تورمۇزلاپ، ئۆي ــ زېمىن بازىرىنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ئادەمنىڭ ھاياتى ھەممىدىن مۇھىم، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ھەرقانداق ۋاقىتتا بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق لازىم. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر قانۇن ــ نىزاملارنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، ئالاھىدە زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. بازار تەرتىپىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تەرتىپكە سېلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ساختا، ناچار مەھسۇلات ئىشلەش ــ سېتىش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىمىز. ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشتىن ئوبوروت، ئىستېمالغىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى، جەمئىيەتنى ئورتاق تۈزەش تۈزۈمى ۋە سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز، مەركەزدىن جايلارغىچە، ھەتتا ئاساسىي قاتلامغىچە بولغان يېمەكلىك ــ دورا بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. نىزام ۋە ئۆلچەمگە ئەمەل قىلىپ، ئەڭ قاتتىق نازارەت ــ باشقۇرۇش، ئەڭ قاتتىق جازالاش، مەسئۇلىيەتنى ئەڭ ئەستايىدىل سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق تاماقنىڭ بۇلغىنىشىنى قەتئىي تىزگىنلەپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر