باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات(16)

2014.03.14 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەدەنىيەت — مىللەتنىڭ قان تومۇرى. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئىقتىسادىي سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىمىز. ئاساسىي جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈلۈشى، باراۋەرلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ــ سەنئەت، ئاخبارات ــ نەشرىيات، رادىيو ــ كىنو ــ تېلېۋىزىيە، ئارخىپ ئىشلىرى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ بۇ ھەقتىكى كىتابلارنى ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت بازىرىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە قېلىپلاشتۇرىمىز. ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. مەدەنىيەتنى چىقىرىشنى تېزلىتىپ، مەدەنىيەت سودىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقئارا تاراتقۇ ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرىمىز. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى، ماھارەت تەنتەربىيەسى ۋە تەنتەربىيە كەسپىنى راۋاجلاندۇرىمىز. ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلىتىمىزمۇ چوقۇم زامانىۋى كۈچلۈك مەدەنىيەت دۆلىتى قۇرۇپ چىقالايدۇ.

   جەمئىيەتنى تۈزەشنىڭ يېڭىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىمىز. قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ مەنبەلىك سۇبيېكت بىرلىكتە تۈزەش يولىنى تۇتىمىز. كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش، مەھەللە ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە دېموكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى ۋە جەمئىيەتنى تۈزەشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز. جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جامائەت بىخەتەرلىكى ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ــ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يـەر تەۋرەش، ھاۋا رايـى، ئۆلچـەپ سىزىش قاتارلىـق خىزمەتلـەرنى ياخشـى ئىشلەيمىز. ئەرزىيـەت خىزمىتـى تۈزۈمـىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىجتىمائىـي زىددىيەتنى ۋاقتىدا، ئۆز جايىدا ھەل قىلىمىز. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىـش خىزمىتـىنى كۈچەيتىمىز. قانۇننـى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيـەسـىنى چوڭقـۇر قانات يايدۇرۇپ، قانۇن جەھەتـتـە ياردەم بېرىشنى زورايتىمىز. جەمئىيـەت ئامانلىقىنـى ئۇنىۋېرسـال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، زوراۋان ــ تېررورلـۇق جىنايىتىگە قاتتىـق زەربـە بېرىـپ، دۆلـەت خەۋپسىزلىكـىنى قوغداپ، ياخشـى ئىجتىمائىـي تەرتىـپنى شەكىللەندۈرۈپ، بىرلىكتە تىنچ جۇڭگو قۇرىمىز. )8(خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش. خەلق — دۆلەتنىڭ ئاساسى، ئاساس مۇستەھكەملەنسە، ئەل ئەمىن تاپىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى — بارلىق خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش. مېخانىزم بەرپا قىلىش، كەم جايلارنى تولۇقلاش، ئاخىرقى چەكنى ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 
【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 【20】 
【21】 【22】 【23】 【24】 【25】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر