باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

خەلق قوشاقلىرىمىز ھەققىدە ئىككى كەلىمە

دىلئارام مەھمۇد

2013.09.11 15:27         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق قوشاقلىرىمىز تارىخىي ۋەقە ۋە تارىخىي شەخسلەر بىلەن باغلانغان بولغاچقا، تارىختىكى بەزى ئىشلارنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىسپاتلاشتا ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە. خەلق قوشاقلىرى بەلگىلىك تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسەن ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتە تاللاش، قۇراشتۇرۇش، توقۇش، مۇبالىغىلەشتۈرۈش قاتارلىق بەدىئىي پىششىقلاشتىن ئۆتىدۇ. خەلق قوشاقلىرى تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا خەلقنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرگە بولغان قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ. خەلق قوشاقلىرىنى چىن مەنىدىكى تارىخ بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئىككىسى رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلى جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ، يەنى تارىخىي ئەسەرلەردە تارىخ ھەقىقىي تۈردە قايتا يېزىلىپ، ئۇدۇللا بايان قىلىنىدۇ، خەلق قوشاقلىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، تارىخىي پاكىتلار جانلىق پېرسوناژلار ئوبرازى، شۇنداقلا چىنلىقتىن ھالقىغان فانتازىيەلەر بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.

  1. خەلق قوشاقلىرى خەلقنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەش، ئىدىيە ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم قورال. خەلقىمىز ئەمگەك، مۇھەببەت، توي – تۆكۈن، دەپنە – مۇراسىم قاتارلىقلاردا ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى، خاپىلىقى، ئازابلىرىنى قوشاق ئېيتىش شەكلىدە ئىپادىلەشكە ئادەتلەنگەن. بۇ قوشاقلار خەلقىمىزنىڭ چىداملىق، ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست، جاسارەتلىك كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

  خەلق قوشاقلىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنى، ئاۋام مەدەنىيىتىنى، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى، مەشرەپلىرىمىزنى، ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئۆگىنىشتىلا ئەمەس، يەنە خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق، شانلىق تارىخىنى چۈشىنىش، تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەسىلەن، ‹‹نۇزۇگۇم قوشىقى››، ‹‹خوتەن قوزغىلىڭى›› قاتارلىق قوشاقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر.

  قەھرىمانلار قوشاقلىرىدا قەھرىمانلارنىڭ جاسارەتلىك، باتۇر، قەيسەر، قورقماس روھىي ھالىتى قوشاق ئارقىلىق ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ خىلدىكى قوشاقلار ئەينى دەۋردىكى قەھرىمانلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىنى چۈشىنىش ۋە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشتا مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە. مانا بۇ قوشاقلارنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى.

  2. خەلق قوشاقلىرى ئەينى دەۋر تارىخىنى، شۇنداقلا ئۆرپ – ئادەت، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشتا تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە. خەلق قوشاقلىرى تارىخىي ۋەقە ۋە تارىخىي شەخسلەر بىلەن باغلانغاچقا، ئۇ يۇقىرى تارىخىي قىممەتكە ئىگە. خەلق قوشاقلىرى ئادەتتىكى ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك كەڭ مەنىدىكى تارىخىيلىققا ئىگە بولغاندىن سىرت، يەنە تارىخ بىلەن بىۋاسىتە بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇ تارىختىكى بەزى ئىشلارنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىسپاتلاشتا تارىخىي ئەسەر سۈپىتىدە پايدىلىنىلىدۇ.

  3. خەلق قوشاقلىرى ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. خەلق قوشاقلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ۋە خەلق ئېغىز تىلىنىڭ نادىر ئۈلگىلىرىدىن پايدىلانغان. ھازىر تىلىمىزدا چېكىنىش، بۇزۇلۇش ۋە ياتلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، خەلق قوشاقلىرىنىڭ تىلى تىل بايلىقىمىزنى ئاشۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.

  قىسقىسى، ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ مەزمۇنى مول، ئىجتىمائىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر