جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 8-يانۋار بېيجىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭ زالىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە «جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنىڭ تەسەۋۋۇردىن رېئاللىققا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دۇنياغا جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش سېگنالىنى بېرىپ، جەنۇب بىلەن جەنۇبنىڭ ھەمكارلىقى ۋە دۇنيانىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشىغا ئىنتايىن مۇھىم ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى بىلەن بىر تەرەپتە تۇرۇپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى