باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۈچ يىلدا ئارقا-ئارقىدىن 3500 تەييارلىق سىنىپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدۇ

2015.02.26 13:42         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز يېزا قوش تىل مائارىپىنىڭ ‹‹كەم يېرى››نى تولۇقلاش، ئاساسىي قاتلام تەييارلىق قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ‹‹تۇتۇپ قالالماسلىق، چاقىرىپ كېلەلمەسلىك››تەك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ يىلدىن باشلاپ مۇددىتى ئۈچ يىللىق ‹‹تەييارلىق سىنىپ قوش تىل ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىرى پىلانى››نى يولغا قويۇپ، 3500 نەپەر تەييارلىق سىنىپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ‹‹ئالاھىدە ئىشتات پىلانى›› جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست شۇنداقلا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ئاز، قوش تىل مائارىپ تەربىيەسى تۆۋەن رايونلارنى ئاساسىي نۇقتا قىلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2010-يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپىدىكى ‹‹يۇمشاق، قاتتىق دېتال›› شارائىتلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تەييارلىق سىنىپتا قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان، تەخمىنەن 450 مىڭ نەپەر ھەر مىللەت بالا تەييارلىق سىنىپتا قوش تىل مائارىپىدىن بەھرىمەن بولغان.

  نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 34 مىڭ 500 نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى كەمچىل ئىكەن، 2006-يىلدىن 2014-يىلغىچە ئاپتونوم رايونىمىز 70 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ يىللىق ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىسى ۋە يېزا قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئاساسىي قاتلام يېزىلىرىدا قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر