- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
10 تۈرلۈك كۆچمەس مۈلۈك بىر تۇتاش تىزىملىنىپ، مەملىكەتلىك ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلىدۇ
2015.02.25 15:14 مەنبە: خەلق تورى
ئۆي مۈلۈك بازىرىدا ئۆي مۈلۈك ئەھۋالىنىڭ تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىشىدىن ئۈمىد بار
خەلق گېزىتى مۇخبىرى لو لەن
«كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ۋاقىتلىق نىزامى» 2015- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كوللىكتىپ يەر، ئۆي مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون تۈرلۈك كۆچمەس مۈلۈك مەملىكەت دائىرىسىدە بىر تۇتاش تىزىملىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە ئۆي مۈلۈك بازىرىدا ئۆي مۈلۈك ئەھۋالىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىشىدىن ئۈمىد بار. دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش تەپسىلىي قائىدىسى چىڭ تۇتۇلۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىرلىككە كەلگەن گۇۋاھنامە تارقىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆچمەس مۈلۈكنى بىر تۇتاش تىزىملاش ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇلىدۇ.
كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ھەر قايسى تارماقلارنىڭ تىزىملاش ئۇسۇلى ۋە قائىدىسى ئوخشىمىغاچقا، تىزىملاشتا ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلىدۇ. كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنىڭ ئىشەنچ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھوقۇقلۇق كىشىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتى ۋە بازارنىڭ ياخشى تەرتىپىنى قوغداش، مەملىكەتلىك كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش تۈزۈمىنى جىددىي ئورنىتىش كېرەك.
نۇرغۇن كىشى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئۆي مۈلۈك بېجى ئېلىش مەقسەت قىلىنغان دەپ قارىدى. قانۇنشۇناسلىق دوكتورى چېڭ شياۋ مۇنداق قارىدى: مەيلى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، باج ئېلىش ۋەياكى ئۆي مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش بولسۇن، كۆچمس مۈلۈكنى تىزىملاش تۈزۈمىنىڭ ھەقىقىي، ئەڭ تۈپ ئىقتىدارى ئەمەس، بەلكى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش تۈزۈمىنىڭ قۇشۇمچە ياكى ھاسىلىي ئىقتىدارى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر