باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ دۇڭزۇلار كەنتىدىكى نامرات ئاھالىلارنى يوقلىدى

2015.02.15 09:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 13-فېۋرال چۈشتىن كېيىن لىپىڭ ناھىيەسىدىكى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان دۇڭزۇڭلار كەنتى پۇدۇڭ كەنتىگە باردى. بۇ دۆلەت دەرىجىلىك نامرات كەنتتە نامرات ئاھالىنىڭ نىسبىتى %43 تىن ئاشىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاران 2160 يۈەن، نۇرغۇن ئۆيلەردىن شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ.

  لى كېچياڭ 13-فېۋرال چۈشتىن كېيىن گۇيجۇ ئۆلكىسى لىپىڭ ناھىيىەسىنىڭ پۇدۇڭ كەنتىدىكى نامرات دۇڭزۇ ئاھالىسى لىن شيەنپىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ، چۈشتىن بۇرۇن بازاردىن ئۆزى پۇل خەجلەپ سېتىۋالغان تۇزلانغان بېلىق، گۈرۈچ ھارىقى، قورۇما گۈرۈچ قاتارلىق يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئالغاچ باردى. لى كېچياڭ يەرلىكتىكى كادىرلارغا: پۇدۇڭ كەنتىنى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن كەنتلەردە نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلارنى ئېنىق يۆلەش تۈزۈمى بويىچە ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان كەنتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش كېرەك، دېدى.

  لى كېچياڭ ئۆتكەن يىلى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتتا پۈتۈن يىلدا يەنە 60 مىليون يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئۇ 13-فېۋرال گۇيجۇ ئۆلكىسى لىپىڭ ناھىيىەسىنىڭ پۇدۇڭ كەنتىدىكى نامرات كەنت ئاھالىسى ۋۇ لۇڭچيەننىڭ ئاددىي ئاشخانىسىدا سۇ جۆمىكىنى ئېچىپ ساپلىققا سۇ ئېلىپ سۇنىڭ سۈپىتىنى تەپسىلىي كۆردى. زۇڭلى ئالاقىدار مەسئۇللارغا تاغلىق رايوندىكى ئاممىنى بىخەتەر، خاتىرجەم ئىچىملىك سۇ ئىچىش ئىمكانىيىگە ئىگە قىلىشنى تاپىلاپ: بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق ۋەدىسى، بۇ ئىشقا سەل قاراشقا ھەرگىز بولمايدۇ، دېدى.

  لى كېچياڭ 13-فېۋرال گۇيجۇ ئۆلكىسى لىپىڭ ناھىيىەسىنىڭ پۇدۇڭ كەنتىدىكى دۇڭزۇ ناغرا راۋىقىدا چاغاننى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلاشتى، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى سورىدى. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش يادەم قەرز پۇلىنى باشقا جايدا ئۇلاشتۇرۇشنىڭ تەسلىكى، قەرز ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقۇرىلىقىنى ئېيتقاندا، زۇڭلى لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ مائارىپ ئادىللىقى ۋە رايوننىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە، گوۋۇيۈەن تەتقىق قىلىپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس يېڭى سىياسەت چىقىرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر