باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇۋاھنامىنى قولىمىزغا ئېلىپ خاتىرجەم بولدۇق

2015.03.02 17:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-مارت چۈشتىن بۇرۇن 9دىن 42 مىنۇت ئۆتكەندە جياڭسۇ ئۆلكىسى شۇجۇ شەھىرى پۇقراسى شىڭ ۋېيفىڭ شۈجۇ شەھەرلىك كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئىدارىسى مۇلازىمەت زالىدا دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى مىنىستىرى جياڭ دامىڭ تارقاتقان مەملىكەت بويىچە تۇنجى كۆچمەس مۈلۈك گۇۋاھنامىسى ئالدى، شۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزنى كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش رەسىمىي باشلاندى.

  مۇخبىرنى گۇۋاھنامىنى ئېلىپ قانداق ھېسسياتتا بولۇۋاتىسىز؟ دېگەن سۇئالىغا شىڭ ۋېيفىڭ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «خاتىرجەم بولدۇم. بۇ ئۆي مۈلۈك ئىسپاتى بولۇپ، مال مۈلۈك ھوقۇقىنىق قوغداپلا قالماستىن، كەلگۈسىدە يەنە سودىلىشىش ياكى رەنىگە قويۇشقا قولايلىق بولىدۇ».

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بۇ يىل جياڭسۇ شۈجۇ ئۆلكىسى يېڭى شەھەر رايونى بىلەن سۇينىڭ ناھىيەسى, شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرى، سىچۈەن ئۆلكىسى لۇجۇ شەھىرى لۇشيەن ناھىيەسى، چۇڭچىڭ شەھىرى جاڭشۇ رايونى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى مۇدەنجياڭ شەھىرى لىنكۇ ناھىيەسى، جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ شەھىرى چۇڭيى ناھىيەسى، گۇاڭشى ئۆلكىسى نەننىڭ شەھىرى قاتارلىق 15 جايدا كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كۆزنىكى تەسىس قىلىشتىكى ئالاقىلىشىش نۇقتىسى قىلىپ تاللاپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش كۆزنىكى تەسىس قىلىش خىزمىتىنى تېزلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ھازىر بۇ ئالاقىلىشىش نۇقتىلىرى كەسپ تەرتىپىنى قايتا تۈزۈش، تىزىملاش سېستىمىسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، بىر تۇتاش كۆزنەك تەسىس قىلىش قاتارلىق تېخنىكلىق تەييارلىقلارنى تېزلىتىپتۇ، قىسمەن ئالاقىلىشىش نۇقتىلىرى 1- مارتتىن باشلاپ «نىزام»غا ئاساسەن يېڭى تىزىملاش دەپتىرى ھەم يېڭى گۇۋاھنامىنى ئىشلىتىشكە باشلاپتۇ.

  جياڭ دامىڭ مۇنداق دېدى: كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنى يولغا قويۇش كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇقدارىنىڭ قانۇنلۇق مۈلۈكنى ھوقۇقىنى قوغداش، كۆچمەس مۈلۈك سودا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، نورمال بازار سودا تەرتىپىنى ھىمايە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتى بىلەن فونكىسسىيە ئۆزگىرىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا بازار ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، زامانىۋى بازار سېستىمىسىنى مۇقەررەر تەلىپى.

  ۋاڭ گۇاڭخۇ : كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىغاندا يېڭى دەپتەر ۋە يېڭى گۇۋاھنامە ئىشلىتىلىپ، 2015- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە يېڭى گۇۋاھنامە تارقىتىش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر