باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ساغلاملىق بىلىملىرى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: مۇزىكا ئاۋازىنىڭ بەك چوڭ بولۇشى دۇنيادىكى 1 مىليارد ياشنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچراتقان

2015.03.02 13:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۈمە كۈنى ، دۇنيادىكى 1 مىلياردتىن ئارتۇق ياش مۇزىكا ئاڭلىغاندا ئاۋازى بەك يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە،دېدى.

  بۇ تەشكىلات مۆلچەرلەپ، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەردىكى 12 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان نوپۇس ئىچىدە، يېرىمغا يېقىن ئادەم شەخسى ئۈن- سىن ئەسۋابلىرى ياكى ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېلفون چىقارغان ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئاۋازنىڭ زىيىنىغا دۇچ كەلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا %40 ئادەم بەلكىم ناخشا كېچىلىكى ۋە كېچىلىك كۇلۇبلاردىكى قۇلاقنى يارىغۇدەك ئاۋازلارنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغان.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاڭلاش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش مۇتەخەسسىسى چادخا، كۆپلىگەن ياشلار يۇقىرى ئاۋازغا بەرداشلىق بەرمەكتە، ياشلار چوقۇم چۈشىنىشى كېرەككى، ئاڭلاش ئىقتىدارى يوقالسا ئەسلىگە كەلمەيدۇ،دېدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئۇدا سەككىز سائەت 85 دېتسىبىلدىن ئاشىدىغان ئاۋازنى ئاڭلىسا ياكى 15 مىنۇت 100 دېتسىبىلدىن ئاشىدىغان ئاۋازنى ئاڭلىسا بىخەتەر ھېسابلانمايدۇ، قاتناش يۇقىرى پەللىسى ۋاقتىدا، ئاپتوموبىل چىقارغان شاۋقۇن 85 دېتسىبىلغا يېتىدۇ، دەپ قارىدى.2010- يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى جەنۇبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە، نەق مەيداندا تاماشىبىنلار ۋۇۋۇزېلانى پۈۋلەپ چىقارغان ئاۋاز 120 دېتسىبىلغا يەتكەن، 9 سېكۇنت ئاڭلىسىلا، ئاڭلاش ئىقتىدارى تولدۇرۋالغىلى بولمايدىغان زىيانغا ئۇچرايدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر