باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتنىڭ تورى: بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار تەكشۈرۈلگەندىن كىيىن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلالمىغانلىقىنى ئېيىتقان

2015.03.02 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ماي، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تورىدا «پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى ۋەزىپىسىنىڭ بىرى ـــ ۋەزىيەت ۋەزىپىنى بەلگىلەيدۇ» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە، قانداق ۋەزىيەت بولسا شۇنداق ۋەزىپە بولىدۇ. ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ يېتىش، توغرا سىياسەت چىقىرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، قانۇنىيەتنى تۇتۇپ، غەلىبىگە ئېرىشىشنىڭ شەرتى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 18- نۆۋەتلىك بەشىنچى يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئەمىلىلەشتۈرۈپ، چوقۇم سوغۇققان، سەگەك بولۇپ، ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىشنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا تەھلىلى قىلىش، شۇنداق قىلغاندىلا ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۆنىلىشنى توغرا تۇتقىلى بولىدۇ،دېيىلدى.

  بىر قىسىم پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېنىق ئەمەس، پارتىيە باشقۇرۇشى ئاجىز. بەزىبىر تەكشۈرۈلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار تۆۋىنامىسىدە ھەتتا، ئۆزىدە ئاساسى جەھەتتىن پارتىيە كۆز قارشى يوق، ئەزەلدىن پارتىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلمىغانلىقىنى دېگەن. بۇ مەسىلىلەر، پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيە تۈزەش، قايتىدىن سىياسى ئاڭنى يېتىلدۈرۈش ۋەزىپىسى غايەت مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ئومۇميۈزلۈك پارتىيەنى قاتتىق تەرتىپكە سېلىشتا، مۇھىم ھالقا تۈزەشتە، چوقۇم پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش لازىم.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر