باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىككى يىغىندا ياخشى سادالارنىڭ بولۇشى ئارزۇ قىلىنماقتا

2015.03.02 17:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەنە «ئىككى يىغىن مەزگىلى»گە قەدەم قويىدۇ. ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، «12-بەش يىللىق» يىرىك پىلان ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىغان بۇ يىلدا، 2015-يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يەنىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئۇنىڭغا يەنىمۇ كۆپ ئارزۇلار پۈكۈلگەن.

  ئىككى يىغىن جۇڭگونىڭ ئەڭ ئېگىز سىياسىي سەھنىسى، شۇنداقلا ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئاشكارىلايدىغان كۆزنەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، خەلق تۇرمۇشى، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى قاتارلىق قاتتىق سۆڭەكنى قانداق غاجاش كېرەك؟ ئىقتىساد يېڭى ھالەتكە قەدەم قويغان پەيتتە، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ھاياتىي كۈچنى قانداق قوزغىتىش كېرەك؟ چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى داۋاملىق كۆرۈلمەكتە، قانداق قىلغاندا «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنى مەزگىلىدىكى كۆك ئاسمان»نى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ تەرەققىياتتىكى قىيىن نۇقتىلار، ئىسلاھاتتىكى قىزىق نۇقتىلارغا يۈزلەنگەندە، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مەجبۇرىيىتىنى پائال ئادا قىلسا، مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلەنسە، ئەمەلىي تەكلىپ-پىكىر ۋە دانا تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئىككى يىغىن يەنىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە مول نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر