خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت ، بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-فېۋرالدىن 21-فېۋرالغىچە،سىنگاپورنىڭ مارىنا قولتىقىدا 100مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن يىغىلدى. ئۇلار جۇڭگو شىنجاڭدىن كەلگەن «دارۋاز» سەنئەت ئۇستازى « بوشلۇق شاھى»ئادىل ھوشۇر ۋە«بوشلۇق ئەركىسى»ئابلەت مەجۈننىڭ قەددى-قامىتىنى بىر كۆرۈۋىلىش ئۈچۈن كەلگەنىدى. دۆلەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان داۋاز تەۋەككۈلچىلىككە تولغان شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ خاس مۇزىكا-ئۇسسۇلى بىلەن بىرىكىپ ئۆزگىچە سەنئەت تۈسىنى ئالغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى