باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكىغا جازا تەدبىرى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىدى

2015.03.03 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو 28-فېۋرال كەچتە تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئامېرىكىنىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئىزچىل ئارىلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ ۋېنېسۇئېلادىكى دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ سانى ۋە ھەرىكىتىگە چەك قويۇلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ قىسمەن سىياسىيونلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشى چەكلىنىدۇ، ئامېرىكا پۇقرالىرى چېگرادىن كىرسە ۋىزا ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق بىر قارار تەدبىرلەر تەلەپ قىلىنىدۇ.

  ۋېنېسۇئېلا بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان جىددىيلىشىپ كەتتى. ئۆتكەن يىلى دېكابىردا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما قانۇن لايىھەسى ماقۇللاپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ باش تەپتىشى، سابىق ئىچكى ئىشلار ۋە ئەدلىيە مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋېنېزۇئېلانىڭ 50گە يېقىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى جازالىدى، سەۋەبى ئۇلار ئۆتكەن يىلى بىر قانچە ئاي داۋاملاشقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پائالىيىتىنى باستۇرۇش جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلدى دەپ قارالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر