باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لۈ شىنخۇا: ھۆكۈمەت مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، كاپالەتلەندۈردىغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدى

2015.03.03 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لۈ شىنخۇا كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەت مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، كاپالەتلەندۈردىغانلىقىنى ئەمەلىيەت تولۇق ئىسپاتلىدى،دېدى.

  سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تۆنۈگۈن چۈشتىن كىيىن خەلق سارىيىنىڭ بىرىنچى قەۋەت ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىننىڭ باياناتچىسى لۈ شىنخۇا جۇڭگو ۋە چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنى تۇنۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەردى.

  جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ مۇخبىرى باياناتچىدىن: بىز بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى بىلىمىز، ھۆكۈمەت مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ دىنىي ئېتقاد ئەركىنلىكى تەرەپتە قايسى خىزمەتلەرنى قىلدى؟ دەپ سورىدى.

  لۈ شىنخۇا سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە ئالدى بىلەن بىر گۇرۇپپا سانلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات ئېچۋىتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدا 2مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار ئىدى، ھازىر 20مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت بار. دىنىي خادىملار 3000دىن كۆپرەك ئادەمدىن 28مىڭدىن كۆپرەك ئادەمگە كۆپەيدى.

  لۈ شىنخۇا يەنە بىر گۇرۇپپا سانلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، 2001- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، 47ئادەمنى مىسىر، پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىسلام ئۇنۋېرستلىرىدا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتتى. پۈتۈن رايۇندا بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق يېزىقتىكى دىنىي قامۇس، كىتاب، گېزىت- ژۇرنال تارقاتتى.

  لۈ شىنخۇا كۆرسىتىپ، ھۆكۈمەت مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئېتقاد ئەركىنلىكىنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، كاپالەتلەندۈردىغانلىقىنى ئەمەلىيەت تولۇق ئىسپاتلىدى،دېدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر