باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن كۇبا بۈگۈن باش ئەلچىخانىلىرىنى قايتىدىن ئېچىۋەتتى

2015.07.21 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېرىم ئەسىر باردى كەلدى قىلمىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن كۇبا ئاخىرى قارشىلىشىشنى ئاياغلاشتۇردى، ئىككى دۆلەت شۇ يەر ۋاقتى 20-ئىيۇلدىن ئېتىبارەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باش ئەلچىخانىلىرىنى ئېچىۋەتتى. ئامېرىكا بىلەن كۇبا پات ئارىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالىدۇ، لېكىن مۇزنى ئېرىشىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس؛ پۈتۈنلەي نورمال مۇناسىۋەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جاكوبسېن زىيارەتكە كەلگەن كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگېس بىلەن كۇبانىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن؛ رودرىگېس يەنە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي بىلەن كۆرۈشىدىكەن، ئۇ يېرىم ئەسىردىن بۇيان دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە زىيارەتتە بولغان كۇبانىڭ تۇنجى دىپلوماتىيە مىنىستىرى.

  ئامېرىكا بىلەن كۇبانىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بۈگۈن ئەتىگەندە چوڭ زالغا كۇبانىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئاستى. بۈگۈن يەنە ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى مەنپەئەتى ۋەكىللەر باشقارمىسىمۇ ئەلچىخانا دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈلدى.

  ئەلچىخانىنى قايتىدىن ئېچىش- ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ 50 يىل دۈشمەنلەشكەندىن كېيىنكى ئاخىرى ياخشىلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى دېكابىردىن بۇيان ئىككى دۆلەت نۇرغۇن قېتىم يۇقىرى قاتلاملىق كېڭىشىش ۋە رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى قاتمۇقات توسالغۇلارنى يەڭدى.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى تەختكە چىققان ھامان، ئامېرىكىنىڭ كۇبا بىلەن دوستانە ئۆتۈش ئۆتمەسلىكىنى ئويلىشىدۇ. كۇبامۇ بۇنىڭلىق بىلەن ئامېرىكىغا بېقىنىشنى خالىمايدۇ، ئامېرىكا-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىدە تىزگىنلەش ۋە تىزگىنلەشكە قارشى تۇرۇش ھالىتى ساقلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر