باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گىرېتسىيەنىڭ ھەر قايسى بانكىلىرى بۈگۈن تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى

2015.07.21 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بانكا سىستېمىسىنىڭ بەربات بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گىرېتسىيە 29-ئىيۇندىن ئېتىبارەن بانكىلارنىڭ تىجارىتىنى توختىتىش ۋە دەسمايىنى تىزگىنلەشنى يولغا قويغان ئىدى. گىرېتسىيە بىلەنخەلقئارا قەرز ئىگىلىرى كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، گىرېتسىيەنىڭ بانكا كەسپى 20-ئىيۇل قايتىدىن تىجارەت باشلىدى، تېز نەقلەشتۈرۈش ۋەقەسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى مەبلەغ تېزگىنلەشنى داۋاملىق يولغا قويدى.

  گىرېتسىيەنىڭ مۇئاۋىن مالىيە مىنىستىرى ماداس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچ ھەپتە ئىشتىن توختىغاندىن كېيىن، گىرېتسىيەنىڭ ھەر قايسى بانكىلىرى 20-ئىيۇل تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، لېكىن ھەر بىر كىشىنىڭ كۈنلۈكى ئالىدىغان نەق پۇلىنىڭ سانىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ماداس مۇنداق دېدى: 20-ئىيۇلدىن باشلاپ، بانكا مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى كۆپەيتىلدى، گىرېتسىيەلىكلەر تېخىمۇ كۆپ سودا قىلسا بولىدۇ. پۇل ئېلىش جەھەتتە ئاھالىلارنىڭ ئالىدىغان پۇلى ھەر ھەپتىسى 420 ياۋرو بولىدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: پەقەت ياۋروپا مەركىزى بانكىسىلا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتچانلىقنى ساقلاپ ياردەم بېرىش ئارقىسىدا گىرېتسىيە بانكىسى ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ تىجارەت باشلاش ئەھۋالىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن نۇرغۇن بانكىلار ھەر كۈنى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ پۇل ئالىدىغان گىرېتسىيە ئاممىسىنى كۈتۈپ بولالمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر