باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە % 30 تىن ئارتۇق ياشانغانلار ئاپپاراتى زىيان تارتىۋېتىپتۇ

2015.07.21 10:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ياشانغانلار پەن تەتقىقات مەركىزى يېقىندا ئېلىمىزنىڭ تۇنجى «ياشانغانلار ئاپپاراتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تەتقىقاتى دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى، دوكلاتتىن ئايان بولىشىچە، ھازىر مەملىكىتىمىزدە %30 تىن كۆپ ياشانغانلار ئاپپاراتى زىيان تارتىش ھالىتىدە تۇرىۋېتىپتۇ، مەملىكەت بويىچە ياشانغانلار ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە بوش تۇرۇش نىسبىتى % 48 كە يەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئېلىمىزدىكى ياشانغانلار ئاپپاراتلىرى بولۇپمۇ پۇقراۋىي ياشانغانلار ئاپپاراتلىرى پەرۋىش ئىتقىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇش، ياشانغانلار ئاپپاراتلىرىدا تۇرىۋاتقان ياشانغانلارنى يېتەرلىك كەسپىي داۋالاش بايلىقى بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىكتەك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن. ھازىر ئېلىمىزدىكى پۇقراۋىي ياشانغانلار ئاپپاراتلىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلار ئوتتىن مۇداپىيە كۆرۈش، سەھىيە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىجازەت كېنىشكىلىرىنى تولۇق ھازىرلىشى كېرەك، يەنە بىر تەرەپتىن، ئېلىمىزدە ياشانغانلارنىڭ نوپۇسى 2050-يىلى 480 مىليونغا يېتىدۇ، دەپ مۆلچەرلەنمەكتە، مۇشۇنداق ئېغىر بېسىمنى ھۆكۈمەتنىڭ ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە تايىنىپ ھەل قىلىش تەس. يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان، «ياشانغانلار مۇلازىمەتچىلىكىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»، «ياشانغانلار ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىقلار كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىندى، بۇ بەلگىلىمىلەردە پايدا ئالمايدىغان ياشانغانلار ئاپپاراتلىرىغا باجدا ئېتىبار بېرىشتىن تارتىپ، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغىچە، ھەممىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئەلئىچى مەبلەغنى ياشانغانلار مۇلازىمەتچىلىكىگە جەلپ قىلىش ئۈمىد قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر