باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادى ۋە ھەرىكەت ئەھۋالى ياخشى دېدى

2015.07.21 10:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 17-ئىيۇل چاڭچۈندە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوملارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش ۋە 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ھەققىدىكى پىكىر، تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىش، ئوڭۇشسىزلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچىغا كىردى، دۆلەت قوللاشنى كۈچەيتىپ، كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىدۇ. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋەزىيىتى ۋە ھەرىكەت ئەھۋالى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولماقتا. يېڭىدىن ئاشۇرۇش نۇقتىسى تېزدىن يېتىشمەكتە ھەم ئۆزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، يېڭىدىن ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى تېزدىن شەكىللەنمەكتە ھەم ئۆزلۈكسىز كۈچ توپلىماقتا. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى يەنىلا پارلاق، بىز بۇنىڭغا چوقۇم ئىشەنچ باغلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەرقىي شىمال رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. شەرقىي شىمال رايونىنىڭ نوپۇس، بايلىق، كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، ئۇل ئەسلىھە، ئورۇن قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك، تەرەققىيات ماكانى ۋە يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. نۆۋەتتە شەرقىي شىمال رايونىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتكە ئورتاق بولغان ئۈچ قارارلىق قاتلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەر شۇنداقلا شەرقىي شىمال رايونىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى، تۈزۈلمە مېخانىزمى قاتارلىق خاس جەھەتتىكى سەۋەبلەر بار. زىددىيەت، خەتەرنىڭ بولۇشى قورقۇنچلۇق ئەمەس، بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا-زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش ۋە خەتەرنى تۈگىتىشكە بولغان ئىرادە ۋە چارە، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. ھەر قانداق زور قىيىنچىلىق بولسىمۇ، تەدبىرگە ئەھمىيەت بەرسەكلا قىيىن تۇيۇلمايدۇ؛ يول چوڭ-كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرىكەت قىلساقلا چىقىش يولى بولىدۇ. سۈپەت ۋە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئىقتىسادنى داۋاملىق مۇقىم ئاشۇرۇش تەدبىر ۋە ئۇسۇلىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىچكى سەۋەپكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۇتۇش قىلىپ ۋە كۈچ چىقىرىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى توغرا تاپقاندىلا، ئاندىن قىيىنچىلىق ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللانغىلى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، تۈزۈلمە مېخانىزمنى كۈچەپ ياخشىلاش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجادچانلىققا كۈچەپ ئىلھام بېرىش، خەلق تۇرمۇشىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەرقىي شىمال رايونىنىڭ سانائەت قۇرۇلمىسى نوقۇلراق، بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشتە قانچە تەشەببۇسكار بولساق شۇنچە ياخشى. قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇشتا كۆپ خىل ۋە ھەر تەرەپلىمە تەدبىر قوللىنىش كېرەك. جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تېزدىن يېتىشتۈرۈپ، مۇلازىمەتچىلىكنى كۈچلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. ھۆكۈمەتنىڭ بازارغا نامۇۋاپىق ئارىلىشىشى ۋە بازار ئاساسىي گەۋدىسىنى نامۇۋاپىق تىزگىنلىشىنى ئازايتىش؛ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنى تېزدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سىستېمىسىنى پائال ئورنىتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭىلىق ياراتمىساق كەينىدە قالىمىز، يېڭىلىق يارىتىش ئاستا بولسىمۇ كەينىدە قالىمىز. شۇڭا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ ۋە قوزغاپ، داۋاملىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسلىق يېتەكچى ۋە تىرەك قىلغان ئىقتىساد سىستېمىسى ھەم تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش؛ يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق بولغان سىياسەت مۇھىتى ۋە تۈزۈم مۇھىتىنى پائال يارىتىش لازىم؛ ھۆكۈمەت دەل، توغرا بولغانلىرى، قوللاشقا ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىقلىرىغا بىر قىسىم مۇۋاپىق، پەرقلىق رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى قوللانسا بولىدۇ. پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، ئوبوروت پۇل مۇئامىلىسىنى ئەمەلىي ئىقتىساد، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، كىچىك، ئۇششاق كارخانا يولىغا كىرگۈزۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر