باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئاچتى
ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش قارار قىلىندى

2015.07.21 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20-ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى 20-ئىيۇل يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 10-ئايدا بېيجىڭدا ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى مەركىزىي كومىتېتقا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: 2020-يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيەمىز بېكىتكەن «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى. «13-بەش يىل» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى ھەل قىلغۇچ باسقۇچ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى بۇ كۈرەش نىشانىغا يېتىشنى چۆرىدەپ بېكىتىش كېرەك. ھازىر تىنچلىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت دەۋرنىڭ ئاساسى تېمىسىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى نورمال ھالەتكە ئۆتتى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغان زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىگە، شۇنداقلا نۇرغۇن زىددىيەت ئۆز ئارا گىرەلەشكەن كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. بىز ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى توغرا ئىگىلەپ، تۈرلۈك خەۋپ ۋە خىرسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان سېلىنغان پۇختا ئاساس ئاساسىدا، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، غەيرەت-شىجائەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جاسارەتلىك-ياراملىق بولۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشلىرىمىزنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشىمىز كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر