باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«شەرقىي جۇڭگو قوش پەسىللىك شالدىن مو بېشىغا ئۈچ مىڭ جىڭ شال ئېلىش تېخنىكىسى» تۈرى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىندى

2015.07.21 10:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق نازارىتى تەكلىپ قىلغان مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تۈنۈگۈن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىڭنىڭ شەھىرىدە «شالغۇت شال ئاتىسى» يۈەن لۇڭپىڭنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى باشچىلىق قىلغان «جەنۇبىي جۇڭگو قوش پەسىللىك شالدىن مو بېشىغا ئۈچ مىڭ جىڭ شال ئېلىش تېخنىكىسى» تۈرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋالدى. مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى نەخ مەيداندا تەكشۈرگەندىن كېيىن بۇ تۈردە پەسىلنىڭ دەسلىۋىدە مو بېشىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 709.9 كىلوگرام شال ئالغىلى بولىدىغانلىقى، ئەڭ يۇقۇرى مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ 738.5 كىلوگرامغا يېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يۈەن لۇڭپىڭ نەخ مەيداندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: 5-ئەۋلاد دەرىجىدىن تاشقىرى شالغۇت شال يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن مەملىكەت بويىچە 38 نۇقتىنى تاللىدۇق. شىڭنىڭ شەھىرىدە يولغا قويۇلغان «جەنۇبىي جۇڭگو قوش پەسىللىك شالدىن مو بېشىغا ئۈچ مىڭ جىڭ شال ئېلىش تېخنىكىسى» تۈرى دەرىجىدىن تاشقىرى شالغۇت شال سىنىقىنىڭ بىرى. دۆلىتىمىزنىڭ شال يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى خەلقئارا ئىلغار سەۋىيىگە يەتتى، ناۋادا بۇ قېتىم قوش پەسىلدە مو بېشىدىن 3000 جىڭ شال ئېلىش تۈرى ئىشقا ئاشسا، بۇ دۇنيادىكى يېڭى رېكورت ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر