باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل جامائەتچىلىكى ياپونىيە مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىنى تەنقىدلىدى

2015.07.22 16:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن 2015-يىللىق مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىنى تەستىقلىدى. رۇسىيە، ھىندونېزىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئالىملار ۋە تاراتقۇلار ئاق تاشلىق كىتابتىكى «جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى»نى تارقاتقانلىقى ھەمدە بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسىنى كۆپتۈرۋەتكەنلىكىنى تەنقىدلىدى. رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسى ياپونىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى كىستاننوف مۇنداق دېدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقىنى چەكلەش بۇيرۇقىنى بىكار قىلىش ھەمدە بىخەتەرلىك كاپالىتى قانۇن لايىھەسىگە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئۇسۇللىرى ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىدا شەرقىي دېڭىزغا كېڭەيمىچىلىك قىلىدىغانلىقى يەنە قولىنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش تارتىش بولۇۋاتقان كىچىك ئاراللارغا سۇنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ زېمىن ماجراسىىنى ھەل قىلىشقا ۋە رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە پايدىسىز. ھىندونېزىيە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جەنۇبىي ئوكيان فوند جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سۇئېريونوۋ مۇنداق دېدى: ئاق تاشلىق كىتابتا «جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى» تەشۋىق قىلىنغان، بۇ پۈتۈنلەي سەن دېگۈچە مەن دېۋالاي دېگەنلىك. ياپونىيەدىكى مىلىتارىزم كۈچلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشى خەلقئارا جەمئىيەتكە نىسبەتەن ھەقىقىي تەھدىت. ياپونىيە بۇرىججى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى تيەن جېنخوڭ مۇنداق دېدى: ياپونىيە بىلەن جۇڭگو ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەربىي ۋاستە بىلەن ھەل قىلماسلىقى كېرەك، ياپونىيەگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇھىمى جۇڭگو بىلەن قانداق قىلغاندا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، «جۇڭگو تەھدىتى سەپسەتىسى» ئارقىلىق قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر