باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>يىمەك -ئىچمەك

ئۇچتۇرپاننىڭ يەرلىك تائاملىرىدىن ـــ پوشكال(1)

2013.12.04 09:52   مەنبە: خەلق تورى

ئۇچتۇرپاننىڭ يەرلىك تائاملىرىدىن ـــ پوشكال(1)

  ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرۇلىرىدا ئۈچتۇرپان ناھىيەسىگە زىيارەتكە بارغىنىمدا ئۈچتۇرپاندىكى داڭلىق ئارامگاھ ئەنجانباغقا كىرىپلا بۇرنۇمغا قايماق تەملىك پوشكالنىڭ مېزىلىك ھېدى پۇرىدى.

  ــ بۇ نىمە تائامنىڭ ھېدى؟ - دەپ سورىدىم يېنىمدىكىلەردىن.

  ــ بۇ ئۇچتۇرپان دىيارىدا نەچچە ئەسىردىن بۇيان سېلىنىپ كەلگەن پوشكالنىڭ مېزىلىك پۇرىقى،- دېدى ئارامگاھ خوجايىنى ماڭا تونۇشتۇرۇپ.

  پوشكال ـــ ئۇيغۇر تائام مەدەنىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭ تەرەپتە ئاساسەن قېلىن سېلىنىپ، نەزىر - چىراق ئىشلىرىغا ئىشلىنىدۇ، لېكىن ئۈچتۇرپاننىڭ بۇ قايماقلىق پوشكىلى ئاقسۇ دىيارىدىكى ئۆزگىچە تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئېسىل مېھمانلارنىڭ داستىخىنىدىكى تائاملارنىڭ بىرى ئىكەن، پەقەت ئۈچتۇرپاندىلا پوشكال نېپىز ھەم تاۋىدا سېلىنىدىكەن.

  ئۈچتۇرپان ناھىيەسىدىكى جىسىمسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچى ئايشەم خۇدابەردى ھەدە 4 - ئەۋلاد پوشكال ھۈنىرىنى داۋام قىلىپ كەلگۈچى بولۇپ، ئۇ ئەتكەن پوشكال ھەريىلى يازدا ئەنجانباغقا كېلىپ ئارام ئېلىپ كېتىدىغانلارنىڭ ئەڭ تاللىشى بولۇپ قالغان.

  ئايشەم خۇدابەردى ھەدە ۋە قىزى زەينۇرە ياقۇپ بىلەن ماڭا ۋە ھەمراھلىرىمغا ئوخشىتىپ بىر قايماقلىق پوشكال سېلىپ بەردى. پوشكال سېلىشتا ئالدى بىلەن خېمىر يۇغۇرۇلۇپ، تىندۇرۇلغاندىن كېيىن، زۇۋۇل ئۈزۈلۈپ نوغۇچتا نېپىز قىلىپ چوڭايتىلىدىكەن، تاۋا قىزىتىلىپ ئازراق ماي قۇيۇلۇپ، يېيىلغان خېمىر تاۋىغا سېلىنىدىكەن، بىر مىنۇتتىن كېيىن ئۈستىگە قايماق تەكشى يېيىتىلىپ، سۇڭپىياز كۆكى چېچىلىدىكەن، ئاندىن يەنە بىر قەۋەت خېمىر ئۈستىگە قويۇلىدىكەن، يەنە قايماق يېيىتىلىپ، سۇڭپىياز كۆكى سېلىنىدىكەن، شۇنداق قىلىپ قايتا –قايتا تەكرارلىنىپ، 10 – قەۋەت خېمىر سېلىنىپ بولۇنغاندا پوشكال ئۆرۈلۈپ پىشۇرۇلىدىكەن، 5 مىنۇتتىن كېيىن ھەم تەملىك، يۇمشاق، ساپسېرىق كەلگەن ئۈچتۇرپان پوشكىلى تاۋىدىن ئېلىنىدىكەن، ھەمدە نېپىزلىقىدىن قارشى تەرەپ كۆرىنىدىغان پوشكال قولى گۈل قىزلارنىڭ قولىدا بىر – بىرىدىن ئاجرىتىلىپ تەخسىگە يۆگىمە ھالەتتە تېزىلىپ مېھمانلارغا كەلتۈرۈلىدىكەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 
【16】 【17】 【18】 【19】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش
      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
      ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
      ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
      ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
      ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…