باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

يېشى ۋە تەرىدىن قان ئاقىدىغان غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان قىز(1)

2013.12.11 13:53   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

يېشى ۋە تەرىدىن قان ئاقىدىغان غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان قىز(1)

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 6- دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىنىڭ بېرون دېگەن يېرىدىكى 19 ياشلىق قىز دېلفىنا سېدېنو تۆت يىل ئىلگىرى قان تەر كېسىلى دەيدىغان بىر غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، يېشى ۋە تەرىدىن قان ئاقىدىغان بولۇپ قالغان.

  دېلفىنا تۆت يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇ شۇ چاغدا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغانىدى. ئەڭ ئوسال بولغىنى، ئۇنىڭدىن ئۇدا 15 كۈن قان تەر ئېقىپ، ئاخىرىدا قان سېلىش ئارقىلىق ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىنغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىدىن تولىمۇ خىجىل بولاتتى، ئەتراپتىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارىغاچقا ھەمدە ئۇنى مازاق قىلغاچقا، ئۇ بىر مەھەل ئۆزىنى ھۇجرىسىغا سولىۋېلىپ، سىرتتىكىلەر بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنىدى. ئۇ ھەتتا كۆپ مىقداردا تىنچلاندۇرۇش دورىسى ئىچىپ ئۆلۈۋېلىپ، بۇ ئازابتىن قۇتۇلماقچى بولغاندا، بەختكە يارىشا ئۆيدىكىلىرى بۇنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاچقا، ئۇ گۆر ئاغزىدىن قايتىپ كەلگەنىدى.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش
      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ
      ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
      ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
      ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى