باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى

2013.12.12 17:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن قازاقىستان سەيفۇلىن قازاق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتى 10 – دېكابىر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەم شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى يېڭىدىن قۇرغان ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش مەركىزى››گە ۋىۋىسكا ئېسىلدى. بۇ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەن – تېخنىكا تەتقىقاتى، ئوقۇتۇش ۋە ئۆزئارا ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق ھاسىل قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن سەيفۇلىن قازاق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇزاق مەزگىللىك ياخشى ھەمكارلىق تارىخىغا ئىگە. ئىككى تەرەپ 2006 – يىلىدىن باشلاپ پەن تەتقىقات، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى قىسقا مەزگىللىك تەربىيەلەش، خەنزۇ تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مائارىپى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر ھەمكارلىق ئورناتقان. 2010 – يىلى 6 – ئايدا سەيفۇلىن قازاق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹قازاقىستان – جۇڭگو ئىلىم – پەن ۋە مائارىپ مەركىزى›› قۇردى، ھازىرغىچە 100 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيەلەندى. بۇ مەركەزنىڭ تۈرتكىسىدە ئىككى ئۇنىۋېرسىتېت ئۆزئارا ئوقۇتقۇچىلار ئۆمىكى ئەۋەتىپ، 30 كىشى/قېتىمدىن ئارتۇق قىسقا مەزگىللىك ئىلمىي زىيارەت ئورۇنلاشتۇردى، يەنە ماگىستىر، دوكتور تەربىيەلەش جەھەتتە ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر