باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا كورېيەدە تۇرۇشلۇق قوشۇنىنى كۆپەيتىدىكەن

2014.01.09 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 7-چېسلا كېلەر ئايدا كورېيەگە 800 نەچچە ئوفېتسىر-ئەسكەر، «ئابرامس» ناملىق 40 جەڭ تانكىسى ۋە 40 برونېۋىك ئەۋەتىپ، كۆپەيتىلگەن ئەسكىرىي كۈچ ۋە قوراللار ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە كورېيەنىڭ ئۇرۇش ھازىرلىقى سەۋىيەسى ۋە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ قارارى كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى يۇن بيۇڭسى ۋاشنگتوننى زىيارەت قىلغاندا چىقىرىلغانىكەن. ئامېرىكىنىڭ ئاپتوماتىك چىقىم كېمەيتىش تەدبىرىنىڭ تەسىرىدە دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى زور دەرىجىدە كېمىيىۋاتقان ئەھۋالدا، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ئەسكەر كۆپەيتىشى دىققەتنى قوزغىماي قالمايدۇ.

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تېكساس ئىشتاتىدىكى فورتخۇد (Fort Hood)قا ئورۇنلاشقان 1-ئاتلىق ئەسكەرلەر دىۋىزىيەسىنىڭ بىر باتاليونى كورېيەگە 9 ئايلىق مۇداپىئە ۋەزىپىسى ئۆتەشكە ئەۋەتىلىدىكەن، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئامېرىكىنىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق 8-گۇرۇھ ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىش ئىكەن. 9 ئايلىق ۋەزىپە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، بىللە ئېلىپ بارغان قورال-ياراغلار كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇداپىئە ۋەزىپىسى ئۆتەيدىغان قىسىمنىڭ ئىشلىتىشىگە قالدۇرىلىدىكەن.

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئورۇنلاشتۇرۇش ھېچقانداق كونكرېت بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە قارىتىلمايدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش» سىياسىتى بويىچە، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي كۈچىنى تەڭشىشىدىنلا ئىبارەت.

  لېكىن كورېيەنىڭ «چاۋشيەن گېزىتى» تور بېكىتىدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ ئاپتوماتىك چىقىم كېمەيتىش تەدبىرى سەۋەبىدىن دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى زور دەرىجىدە كېمىيىپ، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي كۈچى ۋە قورال-ياراغلىرىغا تەسىر يېتىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدىكى ئەسكىرىي كۈچىنى كۆپەيتىشى دىققەتنى قوزغىماي قالمايدۇ. (ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز لى بويا، كورېيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىمىز ۋەن يۈ خەۋىرى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر