باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى: تۇنجى نۆۋەتلىك سەييارە كۆزىتىشتە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك بەش ئەمەلدار تەكشۈرۈلدى

2014.01.09 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە «مەسىلە بايقاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چۆچۈتۈش رولىنى كۈچەيتەيلى ‐‐ 2013-يىللىق سەييارە كۆزىتىش خىزمىتىدىن ئومۇمىي بايان» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2013-يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك سەييارە كۆزىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 10 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى رەتلەپ چىققان «مەسىلە تىزىملىكى»نى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىگە تاپشۇردى. ھازىرغىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى گۇيجۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، زۈنيى شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى لياۋ شاۋخۇا، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى گو يوۋمىڭ، خۇبېي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى چېن بوخۇەي، جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى چېن ئەنجۇڭ، خۇنەن ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى تۇڭ مىڭچيەن، جۇڭگو ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى شىركىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دەي چۈننىڭ قاتارلىق ئالتە كىشىنى ئىنتىزام-قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى دېگەن گۇمان بىلەن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. دەي چۈننىڭ ئىلگىرى جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسىدا بانكا باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى بولغان. 2013-يىل 5-ئايدا، مەركەز جياڭشى، خۇبېي، ئىچكى موڭغۇل، گۇيجۇ، چۇڭچىڭ، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش باش شىركىتى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، جۇڭگو نەشرىيات گۇرۇھى، جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت بانكىسى، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلارغا 10 سەييارە كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تەكشۈردى.

  بۇ 6 ئادەم ئىچىدە، دەي چۈننىڭدىن باشقىلىرى ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردۇر. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، جەمئىي 18 نەپەر ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار تەكشۈرۈلگەن ياكى بىر تەرەپ قىلىنغان. (كاڭ شۇچۈەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر