باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق

ئايشەمگۈل ئابدۇرېشىت

2013.12.04 10:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەرزەنت تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى ئەقىللىق، بىلىملىك ۋە ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئاتا – ئانا، ئوقۇتقۇچى – ئۇستاز جۈملىدىن جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.

  يەھۇدى مائارىپشۇناسلىرى: بالىلارنىڭ بالدۇرراق تىلىنى چىقىرىش مېڭىسىنى سەگەكلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى دەپ قاراپ، بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنى بالدۇرراق يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، تىل قابىلىيىتى باشقا ھەر قانداق ئۆگىنىشنىڭ ئاساسى ۋە قورالى ھېسابلانغاچقا، بالىلاردىكى تىل ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشى ئۇلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى سىناش نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن تىل ئىقتىدارى يۇقىرى بالىلار كۆپ نەرسىلەرنى تېزلا ئۆگىنىۋالىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

  تىل تەربىيەسىنى قانچە بۇرۇن بەرسە، شۇنچە ئۈنۈمى بولىدۇ. مائارىپشۇناسلار يەنە ئادەمنىڭ ئۆمرىدە قوبۇل قىلىدىغان تەربىيەلىرى ئىچىدە بوۋاق مەزگىلىدىكى تەربىيە ئەڭ مۇھىم، شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئاشۇ مەزگىلدە بالىنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئامال – چارىلەرنى ئىشقا سېلىشى كېرەك دەپ قارايدىكەن.

  پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ تىل تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنى تاۋلاشقا بالا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا تۇتۇش قىلىپ، بالىلارغا كۆپ گەپ قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى سۆزلىتىش، گەپلىرىنى ئاڭلاپ بېرىش ۋە كۆپرەك سىردىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئوي – پىكرىنى دادىل ئىپادىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  بالىلارغا تىل تەربىيەسى بېرىشتە، ئالدى بىلەن ئانا تىلنى پىششىق ئۆگىنىشتىن باشلاپ، ئاندىن ئىككىنچى بىر تىلنى ئۆگىنىشكە دالالەت قىلىش كېرەك. چۈنكى ئانا تىل ھەر قانداق ئانا تىل مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر بالا ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۇچرىشىدىغان، ئۆگىنىدىغان ۋە ئىگىلەيدىغان تىل. ھازىر جەمئىيەتتە چەت ئەل تىلى ۋە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش دولقۇنىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئانا تىلىغا ئېتىبار بەرمەي، ‹‹پەقەت خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەندىلا، كېرەكلىك ئادەم بولۇپ، چىقىش يولى تاپقىلى بولىدۇ›› دەيدىغان قاراشلار بار. بۇنداق قاراشلار بىر قىسىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئانا تىلىنى توغرا يازالماسلىق، ئانا تىلى ئاساسى ئاجىز بولۇش، سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىش، نەتىجىدە ئانا تىلىنى قالايمىقان قوللىنىش، تەلەپپۇزى توغرا بولماسلىقتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

  ئانا تىل سەۋىيەسىنىڭ ئىككىنچى بىر تىلنى ئىگىلەشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، يەنى ئادەم ئالدى بىلەن ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئانا تىلى ئاساس قىلىنىدىغان تەربىيە شەكلى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئويغىتىشقا، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ۋە تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىسپاتتۇر. بالىلار ئادەتتە مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئەتراپىدىكى ئانا تىل – مەدەنىيەت مۇھىتىدا دۇنيانى بىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۇقۇم ۋە قىممەت سىستېمىسىنى ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەيدۇ. بوشلۇق قانچە چوڭ بولغانسېرى بىلىش دائىرىسىمۇ شۇنچە كېڭىيىپ بارىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا بالىلارنى ئانا تىلنى ئىشلىتىشتىن چەكلىگەندە، ئۇلارنى تاشقى دۇنيا بىلەن باغلايدىغان بىردىنبىر بوشلۇق ئېتىلىپ قالىدۇ – دە، بالىلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر دەسلەپكى تەربىيەنى ئانا تىلدا باشلاپ، شۇ تىل ئارقىلىق بىلىش دۇنياسىغا يول ئاچقاندا، بالىلار سىرلىق دۇنيانىڭ تەكتىنىمۇ چوڭقۇرلاپ كۆرۈش پۇرسىتىگە نائىل بولالايدۇ، بۇ بىلىملەر ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىلنى ئىگىلىشىگە زور ياردەمدە بولۇپلا قالماستىن، ئىككىنچى تىلنى ئىگىلەش ئۈنۈمىنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

  ھازىرقى جەمئىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ۋە پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى دۆلەت ۋە مىللەت چېگراسىدىن ھالقىپ، ئۆز ئارا سىڭىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. بۇ ھال چەت ئەل تىلىنى پىششىق بىلىدىغانلار ئۈچۈن ئاجايىپ قولايلىق پۇرسەت يارىتىپ بەرسە، چەت ئەل تىلى بىلمىگەنلەر دۇنياۋى مەدەنىيەت ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش سەيناسىدىن چۈشۈپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئانا تىل ئىقتىدارى مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندە، ئۇلارنى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تىللارنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش زۆرۈر. چۈنكى بىر چەت ئەل تىلىنى كۆپ ئۆگەنگەندە مەسىلىلەرنى كۆزىتىش نۇقتىسىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۆپ خىللاشتۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر