باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىردا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلغان قىزلار 11 ئايلىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىدى

2013.12.02 10:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، مىسىرنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش قىلغان قىزلار ئىسكەندىرىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم ئېلان قىلىشى بىلەن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

  قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، يەتتە نەپەر قىز «ھۆكۈم كەمچىل بولۇش» سالاھىيىتى بىلەن سوتقا تارتىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئىسكەندىرىيە شەھىرىدىكى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىدىغان نۇرغۇن مەسئۇل خادىملارمۇ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر ئەھۋال نۇرغۇن داۋالغۇش پەيدا قىلغان. بۇ بىر قىسىم قىزلار بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇزچىلىق قىلغان قىلمىشلىرى ۋە مىسىر خەلق سوتىنىڭ ھوقۇقى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم رەھبەرلەرنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى بولسا، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئىسكەندىرىيە دېڭىز بويى رايونىدا نامايىش قىلغان 21 نەپەر قىز قولغا ئېلىنىپ، ساقچىلارنىڭ 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇشىغا تاپشۇرۇلۇپ بېرىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتى يەنە 15 كۈن ئۇزارتىلغان. تېزلىكتە قاراپ چىقىرىپ بۇ ئەھۋاللارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، مىسىر سوت مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى سوت ئاچقان، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ھۆكۈم 11-ئاينىڭ 27-كۈنىگە كېچىكتۈرۈلگەن.

  ئەخمەد. خاملاۋېي بولسا قىزلارنىڭ ھوقۇقى قوغدايدىغان ئورگاننىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىمقى ھۆكۈم بولسا بىر قەدەر ئوسال بولغان سىياسىي مۇھىتنىڭ ئىچىدە داۋام قىلغان. گەرچە سوتىنىڭ ئۆزىدە ھېچقانداق بىر باشقىچە ئامىل ساقلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى ھۆكۈم ئىنتايىن شەپقەتسىز بولۇپ، ئۇلارغا بېرىلگەن ھۆكۈم بۇنداق چىقىرىلماسلىقى كېرەك ئىكەن.

  ئەخمەد. خاملاۋېينىڭ يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا كۆرسىتىشىچە، مىسىردا يېقىندا بولۇپ ئۆتكەن بۇ بىر قىسىم قىلمىشلارنى بولسا مىسىردىكى ھەر قانداق بىر ئورگان ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولۇپ، بۇنى ئاساسلىق «سىم بىلەن ئوت» شەكلى ئارقىلىق دۆلەت ئىدارە قىلىدىغان گۇرۇپپىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ھۆكۈم بولسا مىسىر سوتى تارىخىدىكى بىرىنچى قېتىملىق شەپقەتسىز ھۆكۈم بولۇپ، قىزلارنىڭ ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان قىلمىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

  ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈپ دېيىشىچە، بۇ بىر قىسىم قىزلارغا ئېلان قىلىنغان جىنايى ھۆكۈملەر بولسا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن «يالغۇز» چىقىرىلغان ھۆكۈم بولۇپ، ئىلگىرىكى شىكايەتلەرنىڭ ئىچىدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان مەزمۇنلار يوق ئىكەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل ھەرىكەتلەر مەقسەتلىك بولۇپ، ئاساسلىق مىسىر خەلقىنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەركىنلىكىنى بوغۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

  قولغا ئېلىنغان قىزلارنىڭ ئادۋۇكاتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھۆكۈمنامە ئېلان قىلىنغان قىزلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بۇ قېتىمقى ھۆكۈمگە قىلچە قايىل بولمىغان ھەمدە بۇ قېتىمقى سوتنى قايتا ئېچىشنى تەلەپ قىلغان. ئادۋۇكاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، قايتا ئەرز قىلىش ئارقىلىق بىۋاسىتە ھۆكۈمنى ئېلىپ تاشلىغىلى ياكى ھۆكۈم نەتىجىسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدىكەن.


مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر