ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 24-نويابىردىن 28-نويابىرغىچە شەندۇڭدا خىزمەت تەكشۈردى.
سۈرەتتە: 27-چېسلا شى جىنپىڭ شەندۇڭ ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پارنىكىدا يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۈەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 28-نويابىر جىنەندىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا شەندۇڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، شۇڭا ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلىشى لازىم. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)