شىنجاڭ تىلغا ئېلىنسىلا كىىشلەرنىڭ كۆز ئالدىغا كۆپكۈك ئاسمان، قۇم بارخانلىرى، ئۈزۈم باراڭلىرى شۇنداقلا مەي باغلاپ پىشقان شېرىن ـ شېكەر مېۋىلەر كۆز ئالدىغا كېلىدۇ. شۇنداق، شىنجاڭ دېمىسمۇ ئىنتايىن گۈزەل سېھىرلىك زىمىن، شۇڭا شىنجاڭغا ساياھەتكە بارىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ يىلسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىدىن 21 مىليون 627 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.73 كۆپ بولغان. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارمۇ ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا بولغان سېلىنمىنى كۈنسايىن كۆپەيتىۋاتىدۇ. ھازىر شىنجاڭدا دۆلەت A5 دەرىجىلىك ساياھەت ئورنىدىن بەشى بار بولۇپ، تۆۋەندە مەن بۇ ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.