- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شىنجاڭدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 40 مىڭدىن ئاشتى
2013.12.04 09:40 مەنبە: خەلق تورى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى: 1 – دېكابىر شىنجاڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىمچە، 2013 – يىلى 30 - سىنتەبىرگىچە شىنجاڭ بويىچە دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلار سانى 40 مىڭ 122 گە يەتكەن، 7070 بىمار قازا قىلغان، دوكلات قىلىنغان يۇقۇش يولىدا تومۇردىن ئوكۇل سېلىشدىن يۇقۇملانغانلار %9 .39نى، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇملانغانلار سانى %47.7نى ئىگىلىگەن. ئۈرۈمچى رايونىدا 1995 – يىلى تۇنجى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغاندىن بۇيان بۇ يىل 30 – سىنتەبىرگىچە 9636 ئادەمنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دوكلات قىلىنغان. يۇقۇش يولى يەنىلا تومۇردىن ئوكۇل سېلىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان، ئاياللاردا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۈندىن – كۈنگە كۆپەيگەن. يۇقۇم ئەھۋالى بارغانسېرى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ يۈزلەنگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر