باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆمەرجان ھوشۇر قۇۋۋەت نانلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

2013.12.04 10:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سابىرجان سىيىت خەۋىرى: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە بازىرىدىكى 5 – ئەۋلاد ناۋاي ئۆمەرجان ھوشۇرنىڭ قۇۋۋەت نانلىرى يېقىندا مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

  ئۆمەرجان ھوشۇر قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى خانئېرىق بازىرى چاچاپ كەنتىدىن بولۇپ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ناھىيە بازىرى ۋە خانئېرىق بازىرىدا ئۇن، تۇخۇم، ھەسەل، سۈت، شېكەر، كۈنجۈت قاتارلىق ئون خىلدىن ئارتۇق خۇرۇج ئىشلىتىپ نان يېقىپ سېتىپ، تۇرمۇشىنى قامداپ، كىشىلەرنى يېيىشلىك نان بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ ياققان نان 2 – ، 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو يىپەك يولىدىكى مەرۋايىت قەشقەر خەلقئارا مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ۋە 3 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى ھەم ئۆمەرجان ھوشۇر قۇۋۋەت نانلىرى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، ئۆمەرجان ھوشۇر ‹‹يېڭىشەھەر نېنى يېقىش ھۈنىرىنىڭ تىپىك ۋارىسى›› دەپ ئەنگە ئېلىندى. ئۆمەرجان ھوشۇر ھازىرغىچە 200دىن ئارتۇق شاگىرت يېتىشتۈردى، ئۇلاردىن سەككىزىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا ئايدا 2000 يۈەندىن ئىش ھەققى بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر