باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

‹‹جۇدالىق سىرى›› رومانىدىكى سەلىمە ئوبرازى

ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كىروران

2013.09.11 15:26         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان ‹‹جۇدالىق سىرى›› ناملىق روماننىڭ ماۋزۇسىغا قاراپلا قىزىقىپ قالدىم. روماندا قايسى جۇدالىقنىڭ سىرى بايان قىلىنىدىغاندۇ؟ كىم كىمدىن، نېمە نېمىدىن قانداق چاغدا، قانداقلارچە جۇدا بولىدىغاندۇ؟ دېگەن سوئاللارغا كۆمۈلگىنىمچە ئوقۇپ تۈگەتتىم. روماننىڭ باشقا مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قارىغاندا، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى روماندا يارىتىلغان سەلىمە ئوبرازى بولدى.

  ھازىرغىچىلىك بولغان يېزىقچىلىقتا ئىزچىل تۈردە ئاياللاردىكى روھىي گاڭگىراش، ئاياللىق مەسئۇلىيەت، ئاياللىق مۇھەببەت، ئاياللىق نىكاھ قارىشى، ئەنئەنىۋى ئاياللىق ئەخلاق بىلەن زامانىۋى ئاياللىق ئەركىنلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن كېلىپ چىققان پاجىئەنى چۆرىدەپ قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتقان ئۈمىدلىك يازغۇچى نۇرگۈل ئەبەينىڭ بۇ رومانى قىز – ئاياللار مەسىلىسىنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ئۇلۇغئات ناملىق تاغلىق كەنتتىكى ئابلىز ھاجى ئائىلىسىدىكى ئابلىز ھاجى، ھەسەلخېنىم، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى رەھمان، كەرىم، رەسۇل، رەشىد، تۇغقىنىغا بېقىشقا بېرىۋەتكەن قىزى رەشىدە (ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى رىسالەت) ۋە كەنجى كېلىنى سەلىمە قاتارلىقلارنىڭ ئەگرى – توقاي كەچمىشلىرى ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزدىكى ئېتىقاد كىرىزىسى، خۇراپىي ئىدىيە قاتماللىقى، نادانلىق، كەمبەغەللىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك گۈللەۋاتقان بىر ئائىلىنىڭ ئابرۇي، ئىناۋەت، ئىقتىساد، ئەمىنلىك ۋە ئاسايىشلىق جەھەتتىن ۋەيران بولۇش گىردابىغا يېقىنلاۋاتقان ھالىتى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ ۋەيرانچىلىق روماندا يېتىم قىز سەلىمەنىڭ كەچمىشلىرىگە چېتىلغان.

  ئۇنداقتا سەلىمە قانداق ئوبراز؟ سەلىمە روماندا قانداق تەرىزدە ئوتتۇرىغا چىققان؟

  مەلۇم كەنتتىكى مەسچىتتە نامازخانلار بامدات نامىزىغا يىغىلىۋاتقان بىر سەھەردە مەسچىت تېمىغا يانداشقان سۆگەتلىكتىن ھۇۋقۇشنىڭ سايرىشى ۋە ئارقىدىنلا بىر بوۋاقنىڭ قىرقىرىغان يىغىسى تەڭلا ئاڭلىنىپ، كىشىلەرنى ساراسىمىگە سالىدۇ. بۇ ساراسىمىدە ھۇۋقۇشنىڭ ھۇۋلىشىدىن بالىنىڭ يىغىسى دىققەتكە بەكرەك سازاۋەر ئىدى. بۇ بالا دەل سەلىمە ئىدى. ئاپتور دەل مۇشۇ يەردە ئەل ئارىسىدىكى ھۇۋقۇشقا باغلانغان ئەپسانە – رىۋايەتلەر ئارقىلىق خىلۋەت يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ كىشىلىك قارىشىدىكى خۇراپىيلىقتىن بېشارەت بېرىدۇ:

  ‹‹كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇۋقۇش ھەر قېتىم سايرىغىنىدا ئاغزىدىن بىر تامچە قان ساقىيدىكەن، لېكىن قان يەرگە چۈشۈپ بولغىچە ھۇۋقۇش يەنە ئۇنى سۈمۈرۈۋالىدىكەن. مۇبادا ھۇۋقۇش ئاغزىدىكى ئاشۇ زەرداپنى يۇتۇۋېتەلمەي يەرگە ئېقىتىۋەتسە، ھۇۋقۇشنىڭ ئاغزىدىن تامغان قان بىر ئادىمىي شەيتانغا ئۆزگىرىدىكەن، ئۇنىڭ ئايىغى تەگكەنلا جاي قۇرۇپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭغا يېقىنلاشقانلارنىڭ ئۆمرى كۆتە بولىدىكەن...››

  مۇشۇنداق قاراشلار سەۋەبلىك پۈتۈنسۈرۈك بىر مەھەللىدە سەلىمەنى بېقىۋالىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. ئاخىر ئۇنى مۇشۇ مەھەللىدىكى مۇساپىر سالام (ئابلىز ھاجىغا تاغ چوققىسىغا جايلاشقان ئۆڭكۈردىكى بايلىقنى كۆرسىتىپ قويغان كىشى) بېقىۋالىدۇ. سەلىمەنىڭ يېتىملىك، ‹‹ھۇۋقۇش بالا›› دەپ چەتكە قېقىلىش، روھىي بېسىم ئىچىدىكى سەرگۈزەشتىسى مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. سالام سەلىمەنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ھېچكىمنىڭ بېقىۋېلىشىغا بېرەلمىگەندىن كېيىن، مەھەللىنىڭ ئايىغىدىكى چىغلىقتا ئولتۇرىدىغان ھەسەن، مەرەمنىساخان ئىسىملىك ياشانغان بىر جۈپلەرنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ. ئۇلار بالىنى ئېلىپ قالىدۇ. بوۋاي سالامنى ئۇزىتىۋاتقاندا توساتتىن يەر تەۋرەيدۇ. ھەسەن بوۋاي تام ئاستىدا قېلىپ قازا قىلىدۇ. مەرەمنىساخان يالغۇز قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەرەمنىساخان، سالام، سەلىمە ئۈچەيلەن بىللە ياشايدۇ. سەلىمە 17 ياشقا كىرگەندە مەرەمنىساخان باقىيغا قايتىدۇ. سالام سەلىمەنى ئېلىپ ئۇلۇغئاتقا قايتىدۇ ۋە ئابلىز ھاجى ئارقىلىق يېزا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. كېيىن ئابلىز ھاجىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى رەشىدكە ياتلىق قىلىدۇ. ئەپسۇس، توي كېچىسى سەلىمە قىزلىقسىز چىقىپ ئىش بۇزىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەلىمەنىڭ پاجىئەسى يەنە باشلىنىدۇ...

  ئاخىرى ئۇ ئۆلۈم ئارقىلىق ھەممىدىن بىراقلا قۇتۇلماقنى تاللاپ، بىر كېچىسى دەريا بويىغا ماڭىدۇ، ئەمما باشقىلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنىدۇ. دېمەك، سەلىمە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى قىز، يەنە كېلىپ نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا. بىز سەلىمە ئوبرازىدىن مۇنداق نۇقتىلارنى ھېس قىلىمىز:

  1) سەلىمە تۇغۇلۇشى بىلەنلا تاشلىۋېتىلگەن. جەمئىيەتتە نۇرغۇن يېتىم بالىلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى بايقايمىز. بۇلار نېمىشقا شۇنداق تەقدىرگە مۇپتىلا بولىدۇ؟ بىرىنچىدىن، ئۇلار بىر قىسىم قىزلارنىڭ توي قىلماستىنلا ئازغۇنلۇققا ئۇچراپ، ئەقلىنى بىردەملىك ھېسسىياتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇشى نەتىجىسىدە نىكاھسىز تۇغۇلۇپ قالغان، ئەنئەنىۋى ئەخلاق نۇقتىسىدىن ‹‹ھارامدىن بولغان››. ئاقىۋەتتە ئۇلار پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەن ئادەملەر ۋە بەزى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان. ئىككىنچىدىن، ئاز بىر قىسىم يېتىم بالىلار ئاتا – ئانىسى توي قىلىپ ئۇزاققا بارمايلا ئاجرىشىپ كەتكەن، ئەمما ئانىسى ئانىلىق مەسئۇلىيىتىدىن كېچىپ، ئۆزىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن بالىسىنى كوچىغا تاشلىۋەتكەن، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار قارا يېتىم بالىلار. ئۈچىنچىدىن، پىلانلىق تۇغۇت تەرتىپىگە نامۇناسىپ ھامىلىدار بولۇپ، ئانىسى كېيىنكى قانۇنىي مەسىلىلەر ۋەجىدىن تاشلىۋەتكەن بالىلار.

  گەرچە بۇنداق تاشلىۋېتىلگەن بالىلار ئاشۇنداق يارىلىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانىي نۇقتىدىن ئۇلار ئاتا – ئانا مېھرىگە تەشنا، جۈملىدىن ئانىلىق سۆيگۈگە ئىنتىزاردۇر. شۇڭا بۇنداق بالىلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتە مۇناسىپ تەربىيەدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بېرىش ئىنسانىيلىق نۇقتىسىدىن ۋىجدان ئىشىدۇر.

  ‹‹جۇدالىق سىرى›› رومانىدا سەلىمە مەسچىت يېنىدىكى سۆگەتلىككە تاشلاپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ تاشلاپ قويۇلۇشىدا ‹‹يولدىن چىققانلىق›› ئاساسلىق سەۋەب بولغاچقا، جامائەت ئالدىدا ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىغانلىقى سەۋەبلىك، شۇنداقلا مۇشۇ ئىش ۋەجىدىن يۈزىنى تۆكۈۋالماسلىق ئۈچۈن، ‹‹قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە›› دېگەندەك، ئانا بولغۇچى قىزىنى ئۆيىدە سالامەت يەڭگىۋېلىپ، بالىنىڭ تەقدىرىنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىدۇ. گەرچە بۇنداق يېتىملارنىڭ ئاتا – ئانىسى كېيىنكى كۈنلەردە ئاشكارىلانسىمۇ، لېكىن سەلىمەنىڭ ئاشكارىلانمايدۇ. شۇڭا ئۇ قارا يېتىم تەرىقىسىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

  2) سەلىمە توي كېچىسى ‹‹قىز چىقمىغان›› سەۋەبلىك ئېرىنىڭ، قېيىنئانىسىنىڭ، ھەتتا ئۆگەي ئانىسىنىڭ ھاقارىتىدە كۆڭلى پۇچۇلانغان مەسۇم قىز. تېبابەت ئىلمىدە مەلۇم بولۇشىچە، ئاز بىر قىسىم قىزلارنىڭ توي كېچىسى ‹‹قىز›› ئىكەنلىكىنى دەماللىققا بىلگىلى بولمايدىكەن. كېيىنكى كۈنلىرى ئاندىن ‹‹قىزلىق››ى مەلۇم بولىدىكەن. روماندىكى سەلىمە مۇشۇ خىلدىكى قىز بولۇپ، ئۇ توي كېچىسى قىز چىقمايدۇ. شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن ئاھانەتلەرگە قالىدۇ: ئېرى رەشىد تەرىپىدىن دۇمبالىنىدۇ، قېيىنئانىسى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ئاتاپ تۆشۈك نان قىستۇرۇلغان داستىخان تەييارلىنىدۇ. ئۆگەي ئانىسى ۋە ئۆگەي ئاكىسى قاتتىق خارلايدۇ. جەمئىيەتتىكى كىشىلەر سۆز – چۆچەك قىلىدۇ... نەتىجىدە ئۇ چۈشكۈنلىشىپ، ئۆلۈۋېلىش ئارقىلىق ھەممىدىن بىراقلا قۇتۇلماقچى بولىدۇ. ئەمما دەريا بويىدا ئېرى رەشىدنىڭ قوشكېزەك سىڭلىسى قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ھاياتىنى قايتىدىن باشلايدۇ.

  3) سەلىمە چەتكە قېقىلغان قىز. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا ھۇۋقۇش ھۇۋلىغاندا مەھەللىدە پەيدا بولغانلىقى ۋە مەسچىت كەينىدىكى سۆگەتلىككە تاشلىۋېتىلگەنلىكى سەۋەبلىك، نامازخانلاردىن بىرەرسى ئۇنى بېقىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئاخىر مەھەللىدىكىلەر ئانچە ئارىغا ئېلىپ كەتمەيدىغان بىر جۈپ بوۋاي – موماي ئۇنى بېقىۋالىدۇ. ئەپسۇس، بىر كۈن ئۆتمەيلا بوۋاي يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلىدۇ. خالىس كىشى سالام ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ئەپسۇسكى، يۇرتتىكىلەر يەر تەۋرەشنىمۇ، بوۋاينىڭ ئۆلۈمىنىمۇ ‹‹ھۇۋقۇش قىز›› سەلىمەدىن كۆرۈشىدۇ. يۇرتنىڭ ۋەيرانچىلىقىنى ھۇۋقۇش ھۇۋلىغاندا مەھەللىدە پەيدا بولغان سەلىمەنىڭ ئايىغى ياراشمىغانلىقى ئۈچۈن بولدى، دەپ بىلىشىدۇ. سەلىمە ۋە ئۇنىڭ ھامىيسى مەرەمنىساخان ئانا بۇ ھاقارەتلەرگە چىداپ ياشايدۇ. سەلىمە كىچىكىدىنلا ئىنسانىي دوستلۇققا ئېرىشەلمەيدۇ، مەكتەپتىمۇ، مەھەللىدىمۇ چەتكە قېقىلىدۇ.

  دېمەك، روماندىكى سەلىمە ئوبرازى جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ، يەنە كېلىپ چىقىشى ئېنىق بولمىغان بىر قارا يېتىمنىڭ كەچمىشى يۇغۇرۇلغان تىپ بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئەگرى – توقاي تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسىدىن بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنى ھېس قىلالايمىز. شۇنداقلا ھامىيسىز، كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشەلمىگەن ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭمۇ ياخشى نىيەتلىكلەرنىڭ ياردىمىدە ھامان ھەقىقەت تەرىپىدىن ياقلىنىدىغانلىقى ئايان بولىدۇ. بۇنداق قىزلارنىڭ قەلەمگە ئېلىنىشى، يەنە كېلىپ بۇنداق چوڭ تىپتىكى ئەسەردە نامايان بولۇشى مېنىڭچە تۇنجى قېتىملىق ئىش. ئاپتور روماندا بۇ پېرسوناژغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىزچىل ئىپادىلەش ئارقىلىق، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنىڭ داۋاملىشىش ئۈمىدىدىن بېشارەت بېرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر