ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : كۇچا ناھىيە بېھشىباغ يېزا كالاپاڭزى كەنتىدىكى دېھقان رىزۋانگۈل مەھەممەد 2011- يىلى ئۆزى مەبلەغ توپلاش، بانكىدىن قەرز ئېلىش ۋە يۇقىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق 800مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق زامانىۋىي كەشتىلەش ماشىنىسى ۋە پايپاق تۇقۇش ماشىنىسى كىرگۈزۈپ، ئۆز ئائىلىسىدە «رىزۋانگۈل مۇھەممەد كەشتىلەش كارخانىسى»نى قۇرۇپ، مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى ياخشىلاپ، بازار ئۇچۇرىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن مەھسۇلاتلىرى تىزلا بازار تاپتى، ھازىر ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاپتونوم رايون ئىچىدىن ھالقىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە زاكاس بىلەن سېتىلدىغان كوزۇر مەھسۇلاتقا ئايلاندى، نۆۋەتتە رىزۋانگۈلنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 120مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، ناھىيە تەۋەسىدە ئالدىدىن بېيىغان ئايال كارخانىچىلار قاتاردىن ئورۇن ئالدى، ئۇ يەنە ئۆز مەھەللىسىدىكى 30 نەپەردىن ئارتۇق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئاياللارغا كەشتىچىلىك ۋە پايپاق تۇقۇش تېخنىكىسىنى ھەقسىز ئۆگىتىپ قويغاندىن باشقا 10نەپەر ئايالنى ئۆز كارخانىسىدا 1500يۈەندىن 2500يۈەنگىچە ئىش ھەققى بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا چىقىش يۇلى تېپىپ بەردى.