باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى

2014.01.13 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار يىنچۇەندىن بەرگەن خەۋىرى: نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى يىنچۇەن شەھىرىدىن قازاقىستانغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان خەلقئارالىق مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى 11-چېسلا رەسمىي قاتناش باشلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ئايروپىلان ئىشقا كىرىشكەندىن كېيىن، ھەر يىلى نىڭشيانىڭ ئېكسپورت تاشقى سودا سوممىسى 300 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، يىنچۇەن ئايرودۇرۇمىنىڭ ھەر يىللىق خەلقئارالىق يۈك توشۇش مىقدارى ھازىرقى 200 توننىدىن كۆپىيىپ 4000 توننىغا يېتىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان خەلقئارالىق مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ھەر قېتىمدا 40 توننا يۈك توشۇيدىكەن، ئۇچۇش لىنىيەسى ئۆزبېكىستان ـــ يىنچۇەن ـــ قازاقىستان ـــ ئۆزبېكىستان بولۇپ، ھەر ھەپتىدە 2 ـــ 4 نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن، ماللار شىمالىي جۇڭگو، غەربىي شىمال، شەرقىي شىمال ھەمدە ئوتتۇرا قىسىم رايونلاردىن قۇرۇقلۇقتا توشۇلۇپ يىنچۇەنگە توپلىنىدىكەن. (رېن ۋېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر