خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 14-يانۋار جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزىمىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش، ئىدىيەۋىي-سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، «تۆت ئىستىل»نى توغرىلاشنى بوشاشتۇرماي داۋاملاشتۇرۇش، چىرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش، خەلق ئاممىسى بىر قەدەر رازى بولىدىغان ئىلگىرىلەش ۋە ئۈنۈمنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى