باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹ئىناق جۇڭخۇا ـــ 3-نۆۋەتلىك مىللەت گۈللىرىنى تاللاش پائالىيىتى››نىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2014.01.15 16:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مۇكاپاتلانغان شىنجاڭ قىزلىرى
  مۇكاپاتلانغان شىنجاڭ قىزلىرى

  11-يانۋار، ‹‹ئىناق جۇڭخۇا ـــ 3-نۆۋەتلىك مىللەت گۈللىرىنى تاللاش پائالىيىتى››نىڭ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 56 مىللەتنىڭ گۈللىرى مىللىيچە كىيىنىپ ئۆزلىرىنىڭ لاتاپىتىنى نامايان قىلدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت-سەنئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيەت-سەنئەت فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن. مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى شىنجاڭ مودېلچىلىق كەسپىي جەمئىيىتىنى بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. بۇ قېتىمقى بېيجىڭ سەپىرىدە شىنجاڭدىن ئالتە نەپەر ماھىر قاتمۇ-قات تەكشۈرۈپ باھالاشلاردىن ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر قىزى گۈلپىيە پەرھات ‹‹ئۇيغۇر مىللىتى گۈلى›› شەرىپىگە، تاتار قىزى پەرۋىنە دولقۇن ‹‹تاتار مىللىتىنىڭ گۈلى›› شەرىپىگە، ئۆزبېك قىزى سايىبە ئابلىز ‹‹ئۆزبېك مىللىتىنىڭ گۈلى›› شەرىپىگە، قىرغىز قىزى ئاسىيە تۇرسۇن ‹‹قىرغىز مىللىتىنىڭ گۈلى›› شەرىپىگە، قازاق قىزى كۈنبېك نۇر ‹‹قازاق مىللىتىنىڭ گۈلى›› شەرىپىگە، شىبە قىزى يوڭدى ‹‹شىبە مىللىتىنىڭ گۈلى›› شەرىپىگە ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر