ئەركىن ئىمىرباقى، نۇر بەكرى، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خەن يوڭلار دوكلاتنى قاراپ چىقىشقا ئايرىم ـ ئايرىم قاتناشتى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16-يانۋار چۈشتىن كېيىن، جاڭ چۇنشيەن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋەكىللەت ئۆمىكىنىڭ دوكلاتنى قاراپ چىقىشغا قاتناشتى ۋە ۋەكىللەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
16-يانۋار چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. جاڭ چۇنشيەن سانجۇ خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دوكلاتنى قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋەكىلىدىن لى جيەنگو، ئوسمان تاڭقاي، ياڭ جيې، ۋاڭ جيۇجوڭ، رەھىم، ما ۋېنشيا، ليۇ يى، زېڭ جۇنلېي، لى چېڭخۇي، پېڭ گوچۇن قاتارلىقلار ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئۆز تەسىراتلىرى ئۈستىدە سۆزلىدى.