باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ تەكلىپ–پىكىرلىرىگە مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2014.01.17 13:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

  ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز

  مىلاقىز بەكرىنىڭ سىياسىي كېڭەش 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ئايرىم – ئايرىم ھالدا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ‹‹شىنجاڭدىكى مىللىي رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كەسپىي مائارىپ تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ›› بىلەن ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىز ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ›› نى تاپشۇرغان. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 16 – يانۋار بۇ تەكلىپلەرگە قارىتا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، بۇ تەكلىپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈنگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشنى، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپچىلىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى زىيالىيلار بولۇپ، ئۇلار ئۇزاقتىن بۇيان مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ئۇلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹شىنجاڭدىكى مىللىي رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كەسپىي مائارىپ تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ››تە مۇنداق دەپ قارالغان: ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپ قۇرۇلمىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش تەرەققىيات باسقۇچىدا، مەلىكىلىك ئىختىساسلىقلارغا ناھايىتى ئېھتىياجلىق بولۇپ، شىنجاڭدىكى مىللىي رايونلارنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان كەسپىي مائارىپ تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئىنتايىن زۆرۈر. جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم نىشانى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىز ئىستۇدېنتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ››تە مۇنداق دەپ قارالغان: ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىز ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا توغرا كېلىدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن تەكلىپلەرگە مۇنداق تەستىقىي يوليورۇق بەرگەن: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەلق تۇرمۇشىنىڭ، شۇنداقلا ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ مۇھىم ئاساسى. جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى بىلەن دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ تەكلىپىدە مۇھىم ھالقا تۇتۇلغان. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئالدىن يېتەكلەش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىقلارغا دائىر تۈرلۈك سىياسەت – تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى تەستىقىي يوليورۇققا قارىتا مۇنداق ئىپادە بىلدۈردى: خەلق ھۆكۈمىتى شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشى، تۈرلۈك ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

  16 – يانۋار چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنىنىڭ 2 – گۇرۇپپىسىدىكى مۇزاكىرىدە تەستىقىي يوليورۇقنىڭ مەزمۇنى يەتكۈزۈلگەن ۋە ئۆگىنىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر