باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«مۇلازىمەت خاراكتېرىلىق ئورگان قۇرۇش قەدىمىمىزنى تېزلىتىمىز»

2014.01.20 15:53   مەنبە: خەلق تورى

«مۇلازىمەت خاراكتېرىلىق ئورگان قۇرۇش قەدىمىمىزنى تېزلىتىمىز»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى:

  ــــ 2013– يىلى خىزمەتلىرىمىزدە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بىر يىل، شۇنداقلا ئىزدىنىشلەر ئىچىدە ئۆتكەن بىر يىل، يىمەكلىك، ئالاھىدە ئۈسكۈنىلەر بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەنگەن بىر يىل بولدى،- دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسى شۇجىسى ئادىل ئوبۇل 19 – يانۋار زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا ماڭا.

  ــــ بۇلتۇر بىز مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ 2012 - يىلىدىكى 53 تۈردىن 29 تۈرگە چۈشۈرۈپ، %44 قىسقارتتۇق. 2014 – يىلى يەنە بۇ ئاساستا يەنە %10 قىسقارتىمىز. ئىجازەتنامىنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى بۇرۇنقى 5 كۈندىن ھازىر بىر كۈنگە، ۋاكالەت نومۇرنى ئىلتىماس قىلىشنى بۇرۇنقى 4 كۈندىن ھازىر بىر كۈنگە ھەمدە توردىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغانغا ئۆزگەرتتۇق.

  ـــ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي - ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدۇق، سانائەت جەھەتتە نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ كۆمۈرنى تەبىئىي گازغا ئايلاندۇرۇش سانائىتى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، بىزنىڭ كۆمۈرنىڭ ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش، تەبىئىي گازنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىت قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆمۈرنى تەبىئىي گازغا ئايلاندۇرۇشتا سۈپەت- تېخنىكا بەلگۈلىمىسى تۈزۈپ چىقتۇق؛ مەدەنىيەت جەھەتتىن كومپىيوتۇردا ئۇيغۇر – قازاق – قىرغىز يېزىقلىرىنى كىرگۈزۈش سېستىمىسىنى قېلىپلاشتۇردۇق؛ نۆۋەتتىكى بىنورمال كىيىنىش ئادەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كىيىم–كېچەك جەھەتتىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىيىم–كېچەكلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى، مەدەنىيەت – سەنئەت تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇسسۇل تۈرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدۇق؛ ئېنىرگىيە تىجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىشدا شەھەرلەرنىڭ ئېنىرگىيە ئىشلىتىشتە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، بۇلغىمىنى ئازايتىشتا مەخسۇس تەكشۈرۈش سېستىمىسى بەرپا قىلدۇق، شىنجاڭ بويىچە %70 كۆمۈرنى ئاساسلىق ئېنىرگىيە مەنبەيى قىلىدىغان 3 مىڭدىن ئارتۇق سانائەت كارخانىسىنىڭ ئېنىرگىيەنى بىرتەرەپ قىلىش ئورنىغا كۆزىتىش سېستىمىسى ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ئېنىرگىيەدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىغا، مۇھىتنى ئاسرىشىغا تۈرۈتكىلىك رول ئوينىدۇق؛ داڭلىق ماركا ستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، داڭلىق ماركا ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ سۈپەت- تېخنىكا ئۈنۈمىنى، ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى، ئىقتىسادىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭدا داڭلىق ماركىدىكى مەھسۇلاتلارنى بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئۇلارنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتۇق، ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار سانى 283 گە يەتتى.

  ـــ بۇ يىل بىز مەركەزنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغى» بەرپا قىلىش قەدىمى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئوبدان مۇلازىمەت قىلىش، ئوتتۇرا ئاسىيا سودا ئىشلىرى تەرەققىياتىدا بىر تۇراقلىق ئۆلچەمنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن «ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقى ئۆلچەملاشتۈرۈش تەتقىقات ئورنى» قۇرۇشنى بىزنىڭ بۇ يىللىق مۇھىم خىزمىتىمىزنىڭ بىر تۈرى قىلىپ بېكىتتۇق. بۇ ھەقتىكى پىلان لايىھەسى دۆلەت سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى باش ئىدارىسىغا يوللاندى،- دېدى ئادىل ئوبۇل زىيارىتىمنىڭ ئاخىرىدا. (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا قىشلىق تەتىللىك دەرس تولۇقلىغان مەكتەپلەر قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ 
      ·يىنچۇەندىن قازاقىستانغا ئۇچىدىغان مەخسۇس يۈك ئايروپىلانى ئىشقا كىرىشتى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى MBA ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا يۈز بەرگەن كۆچۈرمىچىلىك ۋەقەسىگە قارىتا ئ…
      ·ھاياتلىق مائارىپ ئارقىلىق قانداق جۇشقۇن تەرەققىي قىلىشى كېرەك (خەلقنىڭ كۆز قارىشى)
      ·ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئازىيىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
      ·بۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى تۆت چوڭ ئۆزگىرىش
      ·ئاپتونوم رايون ئۇيغۇر تىل سىستېمىسى بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئە…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى لايىھەسى كېلەر يىلىن…
      ·فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «گۈللىنىش پىلانى» بويىچە ئاپتونوم رايوندىن ئون ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ بەش چوڭ پەن تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ