باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

2014.01.20 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 19-چېسلا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش-مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تەشكىلىي ئىنتىزامچانلىقىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى قەتئىي جازالاپ، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بىر يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، پارتىيە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدىكى ئومۇمىي تەپەككۇر ۋە ئاساسىي ۋەزىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيەمىزنىڭ ئىستىل ئۆزگەرتىش ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشتىكى قەيسەرانە جاسارىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىنغان، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى جاكارلانغان بۇ سۆز پارتىيەمىزنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. (جياڭ جيې خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر