باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق11 –نۆۋەتلىك كومىتېتى 5–قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى

2014.01.20 16:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زەرىپە ئەھەد، ئىمىنجان داۋۇت خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 19 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە 5 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئاچتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن ئەزالارنىڭ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلغانلىق ئەھۋالىدىن ئومۇملاشتۇرۇپ بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تولۇقلاپ سايلانغان ئەزا نامزاتلىرى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تولۇقلاپ سايلانغان ئەزا نامزات ئىسىملىكى(لايىھە) سېلىشتۇرۇپ ماقۇللاندى؛ سايلام چارىسى(لايىھە) ۋە باش بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئىسىملىكى(لايىھە) ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش توغرىسدىكى قارارى (لايىھە) ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارى(لايىھە) ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنىنىڭ تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى(لايىھە) ماقۇللاندى؛ سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 – يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارى(لايىھە) ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، ماۋكەن سېيىتقامزا، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جيەنشىن، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم ۋە باش كاتىپ ليۇ جېنچياڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر