باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ تيېلىڭ شەھىرىدە 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دېلوسى پاش قىلىندى

2014.01.20 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەخسىي مۇزېي مەبلەغ توپلاشنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالدىيېقىندا، مۇخبىرنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى تيېلىڭ شەھىرى شىفېڭ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، تيېلىڭ شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ما دېچياڭ ۋە ئايالى چېڭ خۇڭ، پەرزەنتلىرى، كېلىنى قاتارلىقلار 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز مەبلەغ توپلىغان دېگەن گۇمان بىلەن پاش قىلىنغان. ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، تەپتىش مەھكىمىسى دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.ج خ ئورگانلىرى بىر ئايغا يېقىن سوراق قىلىش ئارقىلىق، جىنايەت پاكىتلىرىنى ئاساسەن ئېنىقلاپ چىققان. ھازىرغىچە، تىزىمغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارى 466، دېلوغا چېتىشلىق سومما 108 مىليون 449 مىڭ 450 يۈەنگە يېتىدىكەن. ج خ ئورگانلىرى جىنايەت گۇماندارلىرى يوشۇرغان-يۆتكىۋەتكەن 25 ئۆي، 1 مىليون 977 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئالتۇن، ئاسارئەتىقە، ئۈنچە-مەرۋايىت قاتارلىق دېلوغا چېتىشلىق مەبلەغ، مال-مۈلۈكنى پېچەتلىگەن.

  تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىفېڭ ناھىيەسى سودا-سانائەت ئىدارىسى، پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى، خەلق بانكىسىنى ئۇيۇشتۇرۇپ پۈتۈن ناھىيەدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، پۇل مۇئامىلە كېپىللىك ئاپپاراتلىرى، كۆلەملىك كارخانىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن. «بۇندىن كېيىن بۇنى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم قىلىپ، مۇشۇنداق قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش ھادىسىسىنىڭ قايتا سادىر بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك.» (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر