باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۇقىرىدىكىلەر باشلامچىلىق قىلىپ پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە كۆرسىتىش

2014.01.20 08:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ــ ــ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق يولداشلارنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئالاقە نۇقتىلىرىنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ھەققىدە

  1-تۈركۈملۈك پارتىيە ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق يولداشلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر ئۆلكە ياكى ئاپتونوم رايوننى ئالاقە نۇقتىسى قىلىپ تاللاپ، پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى باش شۇجى شى جىنپىڭ قاتارلىق يولداشلار ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئالاقە نۇقتىسى بولغان ئۆلكە ياكى ئاپتونوم رايوننى نەمۇنىلىك بىلەن يېتەكلەپ، ناتوغرا ئىستىللارنى تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش، ئىش-ھەرىكەتتىكى ئىللەتلەرنى تازىلاشتا قۇدرەتلىك كۈچ ئۇيۇشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە مۇھىم باسقۇچلۇق مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدا يېپيېڭى سەھىپە ئاچتى.

  پۈتۈن جەريانغا ئۆزى باۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە ئۈلگە نۇقتىسى ياراتتى

  ئاممىۋى لۇشيەن--پارتىيەنىڭ ھاياتلىق جان تومۇرى ۋە تۈپ خىزمەت لۇشيەنى، پارتىيەنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ساقلاپ تۇرۇشتىكى مۇھىم تەۋەررۈك. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇلما.

  «بىز ئىستىل مەسىلىسى، ئىش ھەرىكەتتىكى ئىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرۈشىمىز، تۈزەپ چىقىشىمىز، تازىلىشىمىز كېرەك»، مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ.

  2013-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى، مەركەز تارقاتقان «پۈتۈن پارتىيە بويىچە پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئالاقە نۇقتىسى ئورنىتىپ، ئالاقە نۇقتىسىدىكى جاي ۋە مەسئۇل ساھەدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسى بىلەن، لى كېچياڭ گۇاڭشى ئاپتونوم رايونى بىلەن، جاڭ دېجياڭ جياڭسۇ ئۆلكىسى بىلەن، يۈ جېڭشېڭ گەنسۇ ئۆلكىسى بىلەن، ليۇ يۈنشەن جېجياڭ ئۆلكىسى بىلەن، ۋاڭ چىشەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى بىلەن، جاڭ گاۋلى سىچۇەن ئۆلكىسى بىلەن ئالاقە قىلغانىدى.

  5-ئاينىڭ 16-كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئالاقە نۇقتىسى ئورنىتىش توغرىسىدىكى لايىھە»سى قاراپ چىقىپ ماقۇللانغان.

  6-ئاينىڭ 27-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ «مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلارنىڭ 1-تۈركۈملۈك تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئالاقە نۇقتىسىغا دائىر كونكرېت خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر»نى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلارنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئۈچ ھالقىسىدىكى كونكرېت يېتەكچىلىك ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى، كونكرېت يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشنى، ئالاقە نۇقتىسىنى ئۈلگە نۇقتىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى )

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر