باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىن گوگاڭ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە خىزمەتتىن بوشىتىلدى

2014.01.21 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىيەت تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا، شەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئۆلكىلىك پارتكومغا يوللاپ تەستىقلىتىش ئارقىلىق، چىن گوگاڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بەردى، ئۇنى شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەكتەپ ئىشلىرى ھەيئىتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

  13-يانۋار، شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چىن گوگاڭغا ئالاقىدار يالىڭاچ رەسىملەر توردا كەڭ تارقالدى. تورداشلار مۇنداق دېيىشتى: چىن گوگاڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئاسپىرانت قىزنى توي قىلىمەن دەپ ئالداپ، ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن، كېيىن ئايالى بىلەن بىللە بۇ قىزنى ئۇرغان. ئارقىدىنلا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مىكروبلوگىنىڭ 15-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، توردا يالىڭاچ سۈرىتى ئاشكارىلانغان پارتىيە مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ماتېرىيال تاپشۇرۇپ چۈشەندۈردى دېيىلدى. 16-يانۋار مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە، شەنشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ چىن گوگاڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر