باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: 2-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسى رازى بولغۇدەك نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرەيلى

2014.01.21 14:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ 1-تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتى خۇلاسىلەش ۋە 2-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا 2-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختاقانات يايدۇرۇپ، خەلق ئاممىسى رازى بولغۇدەك نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىندا قاتناشتى، ليۇ يۈنشەن رىياسەتچىلىك قىلدى.

  1-ئاينىڭ 20-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتى خۇلاسىلەش ۋە 2-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۈەنچى فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 1-تۈركۈمدىكى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتى خۇلاسىلەش ۋە 2-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى 20-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، 1-تۈركۈمدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلىدى ۋە 2-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 1-تۈركۈمدىكى پائالىيەتنىڭ تەجرىبىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشنى ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ تەخىرسىز مەسىلىلەردىن باشلاپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىستىل ئۆزگەرتىش نەتىجىلىرىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىنى ھەقىقىي مەنپەئەتلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسى رازى بولغۇدەك نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار يىغىندا قاتناشتى، مەركىزىي پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيەسى-ئەمەلىيىتى پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلار ۋە ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلىرى يىغىنغا قاتناشتى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر