باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىرانغا يۈرگۈزگەن بىر قىسىم جازانى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2014.01.21 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، 20-يانۋاردىن باشلاپ ئىرانغا يۈرگۈزگەن بىر قىسىم جازانىڭ 6 ئاي توختىتىلىدىغانلىقى جاكارلاندى.

  نېفىت سودىسىغا ئالاقىدار ساھالەرگە نىسبەتەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قارارىدا، ئىراننىڭ خام نېفىت توشۇشقا ئالاقىدار كەسىپلىرىنى سۇغۇرتا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كېلىدۇ، ئىراننىڭ نېفىت خىمىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش، سېتىۋېلىش، توشۇش ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەتلەر چەكلەنمەيدۇ، دەپ بەلگىلەندى، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئىران ھۆكۈمىتى، مەركىزىي بانكىسى ۋە ئاممىۋى تارماقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قىممەتلىك مېتال سودىسىنى چەكلەشنى بېكار قىلدى.

  ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە ئالىي ۋەكىلى ئاشتون: كېلەركى باسقۇچتا ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى بويىچە دىپلوماتىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئىنتايىن مۇھىم، دېدى. ئۇ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەڭ زور سەمىمىي تىرىشچانلىقى بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئاخىرىقى لايىھەنى ھاسىل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ يەنە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئاخىرىقى ھەل قىلىش لايىھەسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر